دائىرىلەرنىڭ «440 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.02.04
kocha-oltughan-uyghur-ishsiz.jpg بىكارچىلىقتا كوچىدا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار. 2013-يىلى 8-نويابىر، قەشقەر.
AFP

دائىرىلەر ئۆتكەن ئايدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، 440 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2015-يىلى ئاپتونوم رايوندىكى ئىش نۇقتىلىرىغا 460 مىڭ كىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قارىماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نىسبىتى يەنىلا كۆپ، ئۇيغۇرلار ئاساسلىق نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان ناھىيە-يېزىلاردا خىتاي-شىركەتلىرىگە يەرلىرىنى مەجبۇرى سېتىپ بەرگەن دېھقان-چارۋىچىلار ھۆكۈمەت بەرگەن يەر تۆلەم پۇلىغا تايىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسەن يېزا-كەنت كادىرلىرى، ساقچى، ياردەمچى ساقچى قاتارلىق ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ياكى ئېشىنچا ئەمگەك سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئەۋەتىلىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ دوكلاتىدا، مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى، قانداق ئىش نۇقتىلىرى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رايوندىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە «شىنجاڭغا ياردەم» نامى بىلەن يۆتكىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە 2016-يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەردە، «13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 مىليون 200 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، 2015-يىلى 460 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 2016-يىلى 440 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 4.5% تە كونترول قىلىنماقچى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، نۆۋەتتە زور كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ غېمى يەنىلا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ ئائىلىلەردە ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ۋاقىتلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئىش پۇرسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قارىمايدىكى بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارىماي شەھىرىدە يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلىشالماي توپلىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇقىم مۇئاشلىق خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي قالغان بولۇپ، ياشلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋاقىتلىق ئىش قىلىدىغان ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىپ قالغان، قارىمايدىكى نېفىت شىركەتلىرىگە مۇقىم ئىشچى قىلىپ قوبۇل قىلىنىۋاتقانلار يەنىلا ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ياردەم» نامىدا كەلگەن كۆچمەنلەر بولغان.(ئاۋاز)

بىز دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مىللىي تەركىب ۋە باشقا ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجادىكى مەلۇم بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفوننى ئالغان خادىم بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

غۇلجىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، يېقىنقى 2-3-يىلدىن بۇيان دېھقانلارنىڭ يەرلىرى بۇ يەرگە يەرلەشكەن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ يەرگە بېرىلگەن «تولۇقلىما ياردەم پۇلى» غا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ كەلگەن ياشلاردىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىرىنىڭ ئاساسەن يېزا كادىرى، ياردەمچى ساقچى قاتارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.(ئاۋاز)

دائىرىلەرنىڭ 2016-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 440 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دائىرىلەرنىڭ بۇ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان 440 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن نارازىلىقلار ۋە ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى نەقىل ئېلىپ، بۇ يىللاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە ئاتالمىش «غەربنى ئېچىش»، «شىنجاڭغا ياردەم»سىياسىتى نامىدىكى تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن ئالدى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بەھرىمەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان خىزمەت دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، «دوكلاتتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى، قانداق ئىش نۇقتىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغان» لىقىنى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 2010-يىلدىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا، خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان زاۋۇت-شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ يەنىلا كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ يەر-زىمىنىدىن ئايرىلىپ تەرەققىيات سىرتىدا قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن كۆپلىگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تۈركىيەدىكى تەتقىقاتچى ھامۇت كۆكتۈرۈك ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىشى رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنئى بىلدۈردى.

ھامۇت كۆكتۈرۈك ئەپەندى يەنە بۇلتۇر 18-سېنتەبىر يۈز بەرگەن باي قوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى نەقىل ئېلىپ، نۆۋەتتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەر بايلىقلىرىنى ئېچىش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەر-زىمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش،ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىشى، يېڭىدىن قۇرۇلغان مۇھىتنى بۇلغايدىغان زاۋۇت-فابرىكىلارغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ، بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.