ماناس ناھىيەسىدە بىر مۇقىملىق كادىرى مۇقىملىق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.01.30
ishsiz-uyghur-yeza.JPG ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلار. 2016-يىلى ياز.
Oqurmen teminligen

جېن شېنۋېي ماناس ناھىيەلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇپ، ئۇ ئىدارىدىن مۇقىملىق خىزمىتىگە چىقىرىپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما جېن شىنۋېينىڭ 26‏-يانۋار ئايالىغا ئۈندىداردا يوللىغان قىسقا ئۇچۇرى ئۇنى زور پالاكەتكە ئېلىپ بارغان.

ئۇنىڭ ئايالىغا يوللىغان قىسقا ئۇچۇرى جېن شىنۋېينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئېلىپ باردى.

30‏-ئاۋغۇست، سانجى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جېن شىنۋېيگە ئائىت دىلو ئارخىپى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىلىپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 32 ياشلىق جېن شىنۋېي 26‏-يانۋار ئايالىغا يوللىغان قىسقا ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمىۇق تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلغان.

سانجى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىپىدا، جېن شىنۋېي «ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى قارىلىغان»، «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يۆلىنىشى ھەققىدە قالايمىقان سۆزلىگەن»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان» دېيىلگەن.

بىز مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈپ ماناس ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى. نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى، ئىسمىنى نېمە دېدىڭىز؟ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولدىغۇ. قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. لېكىن بىز مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ئىشنىڭ قاچان بولغانلىقىنى سىز ئەتە مۇشۇ نومۇرغا تېلېفون قىلىپ سورامسىز، بىز ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلەپ باقايلى. بۇ ئادەمنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ياكى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلمىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئەتە مۇشۇ نومۇرغا تېلېفون قىلىڭ. بۇ دېلوغا كونكرېت كىمنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئەتە تېلېفون قىلسىڭىز، بىز ئالاقىدار ئورۇنغا ئۇلاپ بېرەيلى، شۇلاردىن سوراڭ.»

ئۇ، «لېكىن سىز، ئۇ (جېن شىنۋېي) نىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلىسىز، شۇنداققۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «بىز پەقەت مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، بىراق ئۇنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىمىز يوق» دەپ كۆرسەتتى.

بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ نارازىلىق قوزغاۋاتقانلىقىنىڭ سېگنالى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ئەپەندى، بۇ خىل رادىكال مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ كادىرلارنى چارچىتىپ، ھالىنى قويمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلشات ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بۇ مۇقىملىقنى ساقلاش رادىكال سىياسىتى ئاخىرى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىمۇ ھادۇرۇپ، بۇلارنىمۇ بۇ خىل بېسىم ئاستىدا كاردىن چىقىرىۋاتىدۇ. بىز مۇنداق سېلىشتۇرساق، بۇلتۇرغۇ دەيمەن، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ سېكرىتارىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى. چۈنكى، بۇلارمۇ ھاردى. بۇلار پەقەت بىز بىلىدىغانلار. يېقىندا مەن بىرى بىلەن پاراڭلاشسام، خىتايلار بىلەن تۇغقان بولغانلار بولسا، مۇشۇ چاغاننىڭ ئالدىدا كېلىپ، بىر-بىرىمىزنى يوقلىۋەتسەك، دەپ خىتايلار مۇشۇ تەلەپنى قويغان. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ھەركىمنىڭ ئۆز بايرىمىنى ئۆز ئائىلىسى بىلەن ئۆتكۈزگۈسى بار. دېمەك، بۇ سىياسەت مەغلۇبىيەتكە قاراپ ماڭدى، مەغلۇبىيەتنىڭ سېگنالى كۆرۈندى.»

ئىلشات ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ قاتتىق مۇقىملىق سىياسىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىدا بىر خىل روھىي بىنورماللىق پەيدا قىلىپ، بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئاچچىقىنى پۇقرالاردىن چىقىرىشتەك روھىي ھادىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىدە بىر خىل بىنورماللىق بار. بۇ نېمە دېگەندە، بۇلار ئۆزلىرىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالالمىغان ئۆچىنى ئۆزىدىن ئاجىزلارغا يۆتكەپ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى شۇلاردىن چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ بىر خىل بىنورماللىق. يۇقىرىدىن بۇ بېسىم بولۇۋەرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئادەملەر پسىخىكا ۋە باشقا جەھەتتىكى بېسىم ئاستىدا بىر خىل بىنورمال ئۆزگىرىدۇ، بۇنى روھىي كېسەللىك دېسەك بولىدۇ.

يۇقىرىغا بولغان نارازىلىقنى چىقىرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىپادە قىلالمىغاندىن كېيىن، بۇلار بۇ دۈشمەنلىك بىلەن تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ، ئۆزىدىن ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، ئۆزىدىن ئاجىزلارغا غەيرىي، ھېچقانداق ئىنسان كۆرۈپ باقمىغان ۋەھشىيلىك بىلەن بۇلارنى قىيناش، نەق مۇشۇ بىنورماللىقتىن. بۇ دېمەك، ئاشۇ تۈزۈمنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىسى.»

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يەنە، ماناس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ «جېن شىنۋېي مەسىلىسى» ھەققىدىكى بىر ئۇقتۇرۇشى تارقالدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىشىچە، ناھىيەلىك پارتكوم 28‏-يانۋار جىددىي يىغىن چاقىرىپ، جېن شىنۋېينىڭ ئايالىغا ئۈندىداردا يوللىغان ئۇچۇرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خەۋەردە، ئۇنىڭ ئەمىلى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئادەتتىكى خىزمەتچىلىككە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە 5 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، ناھىيەلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.