ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى چارشەنبە كۈنى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە بىر يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان بۇ دوكلات جەمئىي 630 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا-خىتاي خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرى، خىتاي ۋە دۇنيا ھەمدە پىكىر تەكلىپلەر قاتارلىق 4 بابتىن تەركىب تاپقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى دوكلاتنىڭ خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ خەلقئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يېقىن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرىدۇر. بېيجىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا بازىرىغا چىقىدىغان كۆۋرۈك، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەسى ھەم شۇنداقلا ئىشەنچلىك دىپلوماتىك قوللاشقا ئېرىشىدىغان ئىستىھكامى دەپ قارايدۇ. ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاي ئۈچۈن ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان ئورۇن. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلامچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەرىكەت قىلىۋاتقان رادىكال تېررور تەشكىلاتلىرى بىلەن ئورتاق زېمىن تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.»
دوكلاتتا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرى ئاساسەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە مەركەزلەشكەن. يەنى، خىتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىلغان.» دوكلاتتا يەنە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» خىتاي ئۈچۈن رايوندىكى تېررور تەھدىتلىرى ھەققىدە ئىستىخبارات يىغىدىغان مۇھىم مەنبەسى، دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيەگە ئېرىشىدىغان مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئېكسپورت بازىرىنى كېڭەيتىپ ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تا رۇسىيە، ئىران ۋە ياۋروپاغىچە كېڭەيتىش ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئاساسىدا سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بولسا خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى تەسىرىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بىر كۈچ دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. خىتاي 2012-يىلىدىن كېيىن ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ كۈچەيتكەن. خۇددى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش خىتاي ئافغانىستاندىكى رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ مۇقىمسىزلىق يارىتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
ئۇنىڭدا «خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئافغانىستاندا دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش، تىنچلىقنى يارىتىش ئىشلىرىغا كۆپرەك ئارىلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى» دېيىلگەن.
مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئافغانىستاندا ئورتاق ھەمكارلىق ساھەلىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكنى قوغداش نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئوخشاش قىممەت قاراشلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تۆۋەندىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى سۇنغان:
«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىنىڭ تەبىئىتى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات ئېلىپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇقۇشماستىن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يىپەك يولىغا قاراتقان سىياسىتىنى خىتاينىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر-بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قاراپ چىقىشى كېرەك. دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ئامېرىكىغا تەۋە سودا ئورگانلىرى ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا كىشىلىك ھوقۇق، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك.»
دوكلاتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت قىسمىدا، بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادقا ئارىلىشىۋېلىش، تۈرلۈك سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئۆز كارخانىلىرىنى قوللاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئەكسىچە چەتئەل كارخانىلىرىغا قىيىنچىلىق يارىتىپ، خەلقئارا بازاردا ھەقسىز رىقابەت قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئىغۋاگەر ھەرىكەتلىرىنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ۋە بۇنىڭ ئاساسلىق ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئازايتىشقا قارىتىلغانلىقى دوكلاتتا يەر ئالغان مۇھىم نۇقتىلاردۇر.