خوتەن گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 8 ئادەم ئۆلگەن
2017.02.15
خوتەننىڭ گۇما ناھىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم 14-فېۋرال شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 5:00 لەردە يۈز بەرگەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ھۇجۇمچى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىملىكى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۇجۇم مۇددىئاسى قاتارلىق ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنمىغان.
پەقەت خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە، پىچاقلىق 3 كىشىنىڭ گۇما ناھىيە بازىرىدا ھۇجۇم قوزغاپ، 5 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 5 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ۋەقە، خوتەندە يېقىنقى 2 يېرىم ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 3-توقۇنۇشتۇر. بۇنىڭدىن 2 يېرىم ئاي ئاۋۋال خوتەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 4 كىشى ئۆلگەن. بۇ يىل 4-يانۋار خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى گۇما ناھىيەسىدە 3 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى 2014-يىلدىكى «22-ئاپرېل ۋەقەسى»گە چېتىشلىق كىشىلەر دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
بىز خوتەن شەھىرى ۋە خوتەننىڭ باشقا ناھىيەلىرىدىكى ج خ ئورگانلىرىغا، گۇما ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ساقچى پونكىتلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، ئەمما ھەممەيلەن ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكىگە دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ساقچى خادىمى مۇنداق دېدى: «كەچۈرىسىز، سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. چۈنكى، جىددىي ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىش، قوبۇل قىلىش تېلېفونى. بۇ زىيارەت تېلېفونى ئەمەس. سىز ئەڭ ياخشىسى باشقا تېلېفونغا ئۇرسىڭىز بولامدۇ؟ كەچۈرىسىز، مەن تېلېفوننى قويۇۋېتىمەن. سىزنىڭ زىيارەت قىلىمەن دېگىنىڭىزگە رەھمەت.»
بىز يەنە، گۇما بازارلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك بىر نۆۋەتچى ساقچىسى، گۇما ناھىيەسىدە پۈتۈن كىرىش-چىقىشلارنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ گۇما ناھىيە بازىرىدا سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى بار -يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزنى ئاڭلاپ «ئۇنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
گۇما سىم ئاۋات ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى ئوخشاشلا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ، «ياق، بىز ئۇنداق ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمىز. بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق» دەپ كۆرسەتتى.
يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە گۇما ناھىيىسىدە قاتتىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان. گۇما ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، ۋەقە ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۈگۈن بازاردا قاتتىق كىملىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، نۇقتىلىق ئەركەكلەرنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئايال: مەندىن گەپ سورىماڭ، مەن ئۇقمايمەن. چۈنكى، مەن نەق مەيداندا يوق. نېمە بولغانلىقىنى مەن ئۇقمايمەن. خاپا بولماڭ، مەن ئاڭلىمىدىم. تاڭەي قانچە ئادەمكى ئۇقمايمەن. مېنىڭ ئۆيۈم يېڭى شەھەر )رايونى( دا. بۈگۈن سىرتقا چىقسام تاماققا قىچقىرىپتىكەن ئاچام. ئاپتوبۇسقا چىقىمىز ئەمدى. ئاپتوبۇسقا چىقسام، ساقچى بالىلار بار ئىكەن، كىملىك تەكشۈرگىنى تۇرۇپتۇ. مۇنداق، كېتىۋاتقانلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرگىنىنى كۆردۈم.
مۇخبىر: ئۇ كىملىك تەكشۈرۈۋاتقانلار ھەممە ئادەمنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتامدۇ ياكى قىسمەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەملەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتامدۇ؟
ئۇيغۇر ئايال: ھەممە ئادەمنىڭكىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، يولدا ماڭغان ئەر كىشىلەرنىڭكىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ئاياللارنىڭكىنىمۇ تەكشۈرۈۋاتقان ئوخشايدۇ، لېكىن ئەر كىشىلەرنىڭكىنى تەكشۈرگىنىنى كۆردۈم. مېنى تەكشۈرمىدى، تەكشۈرگەن بولسا بېرەتتىم. مېنىڭكىنى سورىمىدى.
مۇخبىر: بۈگۈن بازارغا چىققاندا ھېلىقى ۋەقە بولغان يەرگە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟
ئۇيغۇر ئايال: ياق، ياق، بېرىپ باقمىدىم. مەن ئۇ يەرگە قۇلاق سالمىدىم. ياق، ئۇ يەرگە بېرىپ باقمىدىم.
خوتەن شەھىرىدىكى بەزى ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇمىدىكى ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر خوتەن شەھىرىدە ئوخشاشلا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق مەلۇم بىر يېزىنىڭ تۇرغۇنى، ئىككى كۈندىن بېرى لېكسىيە ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېزىسىغا ھەربىي، ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر دېھقان: تۈنۈگۈن گۇمىدا بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز، لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە ئىككى كۈن بولدى مۇقىملىق توغرىسىدا لېكسىيە ئاڭلاۋاتىمىز. گۇمىدىكى، قاراقاشتىكى، ھازىر بولۇۋاتقان تۇرمۇشىمىزدىكى )ئىشلارنى( ئۆگىنىۋاتىمىز. ئۆگەنمىگەنلەر ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۆگەنگەنلەر ئۈگىتىۋاتىدۇ. بىز دېھقان ئائىلىسى، ئۆگىنىۋاتىمىز.
مۇخبىر: ئۇ، كوچىنىڭ ئەھۋالىچۇ، كوچىغا چىقساڭلار، كىرىش-چىقىشلاردا كىملىك تەكشۈرىدىغان بۇ ئىشلار خېلى جىددىي بولۇۋاتامدۇ؟
ئۇيغۇر دېھقان:-تۈنۈگۈندىن تارتىپ مۇشۇ كەنتىمىزدىن ئايرىلىپ باقمىدۇق. سىرتقا چىقساق بولمايدۇ. بولىدۇ. لېكىن رۇخسەت ئالساق، رۇخسەت ئېلىپ ماۋۇ خوتەنگە بارساق بولىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ سىرتىغا چىقىشقا بولمايدۇ. تۈنۈگۈن بولغان ۋەقە بولسۇن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولغان ۋەقە بولسۇن، ھەممىسى ھەممەيلەنگە تەسىر قىلدى. (بىزنىڭ يېزىدا) ھەربىي، ساقچىلار بار، يامان جىق. ھەر 500 مېتىردا بىردىن ساقچىخانا سېلىپ ھازىر قاتتىق ئاۋايلاپ ئۆتىمىز.
مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، ۋەقەنى باھانە قىلىپ، يەرلىك خەلقنى قورقۇتماسلىققا، ئادىل بولۇشقا ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ خوتەندە كۆپ يۈز بېرىشى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقتىكى بۇ رايونغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خوتەن بولسا ئاخىرقى، بەلكىم ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاشقا قەتئىي نىيەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان جاي بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ يەردە ئېلىپ بارغان سىياسىتى باشقا رايونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، مۇشۇ چېن چۈەنگو دەۋرىدە. بۇلار خوتەننى ئۇيغۇرنىڭ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت ئىچىدە ئاخىرقى ئەڭ مۇھىم، دەپ قاراپ، پۈتۈن زۇلۇمنى بۇ يەرگە سېلىۋاتىدۇ. (ئۇ) خەلقتە نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق بىر يول قويمىغاندىن كېيىن، ئامالسىز بۇ بىر تاللىنىدىغان يول بولىدۇ.»
ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى قارشىلىقنى پەسەيتىمەن، دېسە، ئۇ ئالدى بىلەن قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم تۆلىشى ۋە ئۇلاردىن ئەپۇ سورىشى كېرەك. ئۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر خىل ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن يەنە: «بۇ يەردە خىتاي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەيدىكەن، پراكتىكال، ئەمەلىيلىشىدىغان، قىلالايدىغان ھەم ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل، ئالدى بىلەن 2009-يىلدىكى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش، ھۆكۈمەتنىڭ سادىر قىلغان پۈتۈن خاتالىقىنى تېپىش، ۋاڭ لېچۈەن، نۇر بەكرى قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ سوتلاش، شۇ ۋاقىتتىكى يۈتۈپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا جاۋاب بېرىش، قولغا ئېلىنغان، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۇلارغا تۆلەم بېرىش ۋە ئۇلاردىن ئەپۇ سوراش كېرەك. مۇشۇ ئىشنى باشلىغان ۋاقتىدا (ئۇيغۇرلارغا) بىر خىل ئۈمىد بېرىدۇ. بۇنداق بولمىسا، بۇ خۇددى گۇمىدىكى ۋەقەدەك داۋاملىشىپ، ئاخىرىدا يەنە بىر مىللىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ» دېدى.
مەركىزى خوڭكوڭدىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، دائىرىلەر خوتەن ۋىلايىتىدىن باشقا قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئوخشاشلا جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەن.
بۇ جايلاردىكى ماي پونكىتى، مەكتەپ، سودا ساراي، مېھمانخانا ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ سومكا ۋە يۈك تاقىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتىكەن.