2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ پارىخورلۇق قىلمىشى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە، يېقىندىن بۇيان ھەر خىل ئىنكاسلار كۆپەيگەن ئىدى. ئەمما 30-نويابىر كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ خىتاي قانۇنچىلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر يەنە بىر يېڭى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
يېقىندا ئېچىلغان خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى خىتاينى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، نۆۋەتتە پارىخورلۇق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭكاڭنىڭ غوللۇق ئادىمى ۋاڭ لېچۈەننىڭ خىتاي قانۇنچىلىق جەمئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ خىتاي قانۇنچىلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىپ بەلگىلىنىشى، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدا «قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش» شوئارىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشتىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ، دائىرىلەرنىڭ ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلگەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشىدىن دېرەك بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سۆھبەت جەريانىدا ئېلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن كەتمەن چاپقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ھېچقاچان جازالىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 30-يىللاردىكى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «جاللات» دەپ تەرىپلەنگەن شېڭ شىسەي ۋە 50 يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى بىلەن داڭ چىقارغان ۋاڭ جىن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى نەقىل قىلىپ ئالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.