6-نۆۋەتلىك، «خەلقئارالىق خىتاي ۋە ئاسىيا دېموكراتىيىسى» يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ كانادا نىڭ تورونتو شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىن 3 كۈن داۋام قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي دېموكراتلار فېدېراتسىيەسى، خىتاي گراژدانلار كۈچى، كانادا تىبەت جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى، خەلقئارالىق بىر دۇنيا ئەركىنلىك تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
يىغىننىڭ، يەنى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى كۈنتەرتىپىدە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن، ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قەييۇم مەسۈموف، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر توختى قاتارلىقلار سۆز قىلدى. بولۇپمۇ ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرى خىتايلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، كۈچلۈك مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باردى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنى بىلەن بولغان سۆھبىتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.