دائىرىلەر بەشئېرىق يېزىسى ساڭ كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارىنى بىخۇدلۇق قىلغان، دەپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان

0:00 / 0:00

ئابدۇنۇر نۇرىللا-ئايجامال روزى ئەر ئايال ۋە بەشئېرىق يېزىسى ساڭ كەنتىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇنى-ئايشەم ئەكرەم ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدە ساڭ كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى باتۇر ئېمىرنىڭ جاۋابكارلىقى بار، دەپ قارىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

ئاۋاتلىق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇنۇر نۇرىللا بىلەن ئايجامال روزى يەر زېمىنلىرىنى سېتىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما باتۇر ئېمىر ئۇلارغا كۆز قۇلاق بولمىغان،دەپ ئەيىبلەنگەن.

مۇخبىر: ئەنۋەر ئېمىرنى نېمە ئۈچۈن بۇ كەنت باشلىقلىقىدىن ئېلىۋەتتى؟

ئاۋاتلىق ئايال: «ئۇنى ئەمدى مۇشۇس يۇرتنىڭ بېشى بولغاندىن كېيىن، يەر-تامنى سېتىپ كەتسە، نېمىشقا سەن توسمىغان، دەپ ئېلىۋەتتىمىكىن، ئەمدى. لېكىن دەپتىكەن، دېسە، ئاقسۇدا ئازراق دۇكان چىقىپ قالغانتى، ئىچىدىكى ماللار بىلەن. شۇنى ئېلىپ بىر تىجارەت قىلىپ باقىلى، دېگەن. يەرلىرىمىز جىق بولمىغاندىن كېيىن دېگەندىن كېيىن، ساتساڭلىمۇ سېتىڭلار زېمىنلىرىڭلارنى قويۇپ دېگەن ئوخشايدۇ. يەرلىرىنى سېتىپ شۇ تىجارەت قىلىۋاتقاندا، تام زېمىنلىرىنى ساتقاندا ئۇقتۇرمايلا سېتىۋەتكەن ئوخشايدۇ، كېيىن ئاڭلىدۇق ئۇنى. شۇنىڭ بىلەن زېمىنلىرىنى سېتىپ بىرەر يىلدەك ئاقسۇدا يۈردى. ئاقسۇدا يۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىن دۇكان ئاپتۇمىش، كېتىپتۇمىش دېگەن گەپلەر بولدى. خەقنىڭ قورسىقىغا كىرىپ-چىققىلى بولمىغاندىن كېيىن، ئارقىسىدا يۈرگىلى بولمىغاندىن كېيىن، نوپۇسى بۇ يەردە بولغاندىن كېيىن، ھەر -ھەر يەرلىگە بېرىپ تىجارەت قىلىپ ئىشلەۋاتقانلار جىق بولغاندىن كېيىن، پات-پات ئىز دېرىكىنى قىلىپ نەدە سىلەر دەپ يۈرگەن بولغاندىن كېيىن، تىجارەت قىلىۋاتىمىز، دەپ، ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلغانمۇ ئوخشايدۇ. ياغ دۇكىنى، دەپمۇ ئىشقىلىپ بىر نېمە ئېچىپتىكەن.»

مۇخبىر: «نەتىجىدە ئەنۋەر (ئېمىر) نۇرىللانى ياخشى باشقۇرمىدى، دەپ ئېلىۋەتتىما ئاخىرى؟

ئاۋاتلق ئايال: «ھە، ھە، شۇنداق، دەپ ئېلىۋەتكەن ئوخشايدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكرەك كەنتۇق.»

ئاۋاتلىق يۇقىرىقى ئۇيغۇر ئايال يەنە، ئابدۇنۇر نۇرىللا بىلەن ئايالى ئايجامال روزى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر ئۇلارنىڭ بەشئېرىق يېزىسى ساڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاتا-ئانىلىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋاتلىق ئايال: «ئابدۇنۇراخۇننىڭ ئاتا-ئانىسىنى ساقچى پونكىتى ۋە ج خ ئىدارىسىدىن تولا كېلىپ، ئالاقە قىلىپ قالدىمۇ-قىلىپ قالمىدىمۇ، دەپ قىلدىمىكى. ئايجامالنىڭ ئاتا-ئانىسى ماۋۇ مەھەللىسىدىكى تام زېمىن، يەرلىرىنى سېتىۋېتىپ، مۇشۇ ئاۋاتنىڭ سايباغ، دېگەن يېرىگە كۆچۈپ كېتىپتىكەن.»

مۇخبىر: «ئايجامالنىڭكى ئاتا-ئانىسى نېمە ئىش قىلاتتى؟ نېمە ئۈچۈن كۆچۈپ كەتتى ئۇلار؟

ئاۋاتلق ئايال: «(ئاتا-ئانىسى) دېھقان. ئۇلارنىڭ بالىلىرى تىجارەت قىلىمىز، دەپ يېنىدا بولمىغاندىن كېيىن. بۇ ئادەم ماۋۇ مەھەللىدىكى ۋاقتىدا كونا تراكتور، ئۇنى -بۇنى ئېلىپ ساتىدىغان. ئەمدى ياشقا چوڭىيىپ قالغاندۇ. يەرنى تېرىپ بولالمايدىكەنمىز، دەپ يەرنى ھۆددىگە بېرىپ، دېگەندەك ئاشۇنداق ئىشلار بىلەن شۇ. كونا تراكتورلارنى ئېلىپ سېتىپ دېگەندەك شۇنداق تىجارەت قىلىمىز، دەپ بازارغا يېقىنراق يەرگە كېتىپ قاپتىكەن.»

بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى پروگراممىمىزدا ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ساقچى ئەمەلدارلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى، ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى سورىغان ئىدۇق. ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
بىز بۈگۈن بەشئېرىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى ساقچىخانا باشلىقىغا تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرگە دائىر ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاتلىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئىلگىرى 4‏-پەرزەنتىگە ھامىلىدار ئايجامالنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ بالىسىنى مەجبۇرى ئالدۇرۇۋەتكەن. ئۇ، مەزكۇر يېزىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ھازىرمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ھازىرمۇ پىلاندىن ئارتۇق قورساق كۆتۈرسە ئالدۇرۇۋېتەمدۇ؟

ئاۋاتلىق ئايال: «ھە، ئالدۇرۇۋېتىدۇ.»

مۇخبىر: ۋاي مەجبۇرى ئالدۇرمايمىز. قورسىقىدا قالغانلار جەرىمانە تۆلەيدۇ، ئەمما ئالدۇرمايمىز، دېگەن بىر سىياسەت چىقارغانغۇ؟

ئاۋاتلىق ئايال: «ئۇنداق سىياسەت بۇ بىزنىڭ مەھەللىگە كەلمىدى. بىزنىڭ بۇ يەردە پىلاننىڭ ئىچىدىكىسى ئۈچ. ئۇنىڭ ئارتۇقىنى تولىسى ئالدۇرۇۋېتىدۇ. ئالدۇرغىنى قويماي ئوغرىلىقچە تۇغۇۋالغانلىرى جەرىمانە تۆلەپ 40-50 مىڭ كويدىن تۇغىۋالغانلارمۇ بار. لېكىن ئۇنداق سىياسەت يوق بۇ يەردە. پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلىدىغان قانۇنلۇق بالا ئۈچ.»

بەشئېرىق يېزىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى پىلانلىق تۇغۇت كادىرى بەختىنسا ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، ئۇ ھازىر پىنسىيەگە چىققان. بىز بەختىنساغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.