خىتايدىكى نوپۇس قېرىش مەسىلىسى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى دىققەت قوزغىماقتا
2015.12.15

دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، نوپۇس قېرىشى سەۋەبىدىن خىتاي كېيىنكى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە 90 مىليوندىن ئارتۇق ئىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن. دۇنيا بانكىسى مۇتەخەسىسىلىرى خىتاينىڭ باي بولۇشتىن ئاۋۋال قېرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، خىتاي بولسا نوپۇس قېرىشىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا بانكىسى 9 - دېكابىر كۈنى شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشىغا ئائىت بىر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ رايونلاردىكى نوپۇس قېرىشى دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق رايونىدىن بەك تېز بولۇپ، بۇ ئاممىۋى مالىيە ۋە سەھىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن خەۋپ ھاسىل قىلماقتىكەن. شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 211 مىليون بولسا، بۇنىڭ ئىچىدىكى 130 مىليونى خىتايدا ئىكەن. يەنى، خىتايدىكى ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى بۇ رايوندىكىلەرنىڭ 36 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بۇ رايوندىكى قېرىش سۈرئىتى تېز بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 2015 - 2034 يىللىرى ئارىسىدا نوپۇس ھەر 5 يىلدا 22 پىرسەنت قېرىيدىكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، قېرىغان نوپۇس ئاممىۋى خىراجەتنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ جەھەتتىكى سىياسەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغان تەقدىردە پاراۋانلىق خىزمەتلىرىگە كېتىدىغان راسخوت 10 پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئۆرلەپ ماڭىدىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ شەرقىي ئاسىياغا مەسئۇل باشلىقى ئاكسېل ۋانن پاراۋانلىق راسخوتلىرىنىڭ ئۆسۈشى بايراق دۆلەتلەرگە بەك تەسىر پەيدا قىلمىغان بىلەن، شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسەتلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، جامائەت پاراۋانلىق خىزمەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىشى، ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئاشۇرىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلارنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
نوپۇس قېرىشى ئوخشاش ۋاقىتتا ئەمگەك كۈچىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، 2010 - 2040 - يىللىرى ئارىسىدا پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىلا 90 مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن. خىتايدا ھازىر 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلارنىڭ سانى 114 مىليون بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ياشانغانلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. خىتايدا تۇنجى قېتىم 2012 - يىلى ئەمگەك كۈچى نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، شۇنىڭدىن بېرى ھەر يىلى بۇ رەقەم كەينىگە چېكىنىپ ماڭماقتىكەن.
س ن ن تېلىۋىزىيىسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتايدا ئىقتىسادتىكى ئاستىلاۋاتقان ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلار يۈز بېرىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىكى نوپۇس قېرىش ۋە ئەمگەك كۈچى ئازىيىش مەسىلىسىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «خىتاينىڭ دېموگرافىيىسدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش خىتاينىڭ ھۆكۈمەت راسخوتى، ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشلەپچقىرىشچانلىقى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق راسخوتلىرى ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىنىڭ ماليىسىدىكى ئارتىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دەپ بايان قىلغان. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى فىلىپ ئوكىفى بولسا سۆزىدە «خىتاي باي بولۇشتىن ئاۋۋال قېرىپ كېتىدۇ» دېگەن.
بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا بۇنى رەت قىلىپ، ياشانغان نوپۇسنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 15 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، گەرچە نوپۇس قېرىش ۋە ئەمگەك كۈچىدىكى ئازىيىش مەسىلىسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ۋە بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيانقى پۇل ئامانىتىدىكى نىسبەتنىڭ مۇقىم بولغانلىقىنى، شۇڭا يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زورىيىشىغا زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندا «بىر پەرزەنت كۆرۈش تۈزۈمى» نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. س ن ن تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى يۇقىرىكى نوپۇس قېرىش ۋە ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كېچىكىپ قالغان. س ن ن تېلىۋىزىيىسى بۇ ھەقتە مۇتەخەسسسىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان بۇ سىياسەت ئۆزگىرىشى تولىمۇ كېچىككەن ھەم يېتەرلىك ئەمەس. ئۇ ئىقتىسادقا يېقىن زاماندا ياردەم بېرەلەيدىغاندەك ئەمەس. چۈنكى يېڭى سىياسەت ئاستىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ، ئەمگەك كۈچى سېپىگە قوشۇلۇشىغا تېخى نەچچە ئون يىل كېتىدۇ» دېگەن.
دۇنيا بانكىسى بولسا ئاسىيادىكى خىتايغا ئوخشاش بۇنداق نوپۇس قېرىش مەسىلىسى كۆرۈلۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھالقىلىق بىر پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، توغرا سىياسىي تاللاشلار ئارقىلىق تىنچ بىر ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.