يۇقىرى مائاشلىق خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.09.22
qosh-til-xoten-uyghur-til-cheklesh.jpg خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چىقارغان باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدىكى ھۆججەت.
Social Media

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى»، «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» دېگەن ناملاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىۋاتقان ئالاھىدە ئىمتىيازلارنىڭ يەرلىك خەلقتە مۇقەررەر ھالدا نارازىلىق كەيپىياتى قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىل خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا يۇقىرى مائاش ۋە تەمىنات بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا مەمۇرىي خادىملىققا ياكى ئوقۇتقۇچىلىققا ئەڭ كۆپ چاقىرتىلغان بىر يىل بولغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇپ كەلگەن «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقارغان ئىدى. بۇ يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا خىتايچە دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىش قارارى رايوندا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئىگىلەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۇقىرى مائاش بېرىش شەرتى بىلەن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن 60 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىمتىھان ئۇچۇرى تور بېكىتىنىڭ 15-ماي كۈنىدىكى تەپسىلىي خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 19مىڭ 182 نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلغان.

«خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يازدا پەقەت غۇلجا ناھىيىسىگىلا 1331 نەپەر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان. ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىگە 256 نەپەر «قوش تىللىق» يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، 160 نەپەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، 2017-يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا خىتايچە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن يېڭىدىن بىر تۈركۈم ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمىمۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى گەپنى تەكرارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل يازلىق تەتىلدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپلەردە دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش تارقىتىلغان خەنزۇ تىلىدىكى دەرسلىكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججىتى سەۋەب بولدى، دېسەك بولىدۇ. غۇلجىدىكى مەكتەپلەرگە دۆلەت ئورتاق تىلىدا دەرس ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يېڭىدىن بىر تۈركۈم ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىندى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خىتاي خىزمەتچى خادىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «9-ئايدا باشلانغان 2017-يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا غۇلجىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قايتا تەرتىپكە سېلىندى. خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئەلۋەتتە شاللاشقا دۇچ كەلدى. شۇڭا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلان چىقىرىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 3000 سومدىن يۇقىرى مائاش ۋە بىر قىسىم ئالاھىدە تەمىناتلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي تىلى دەرىجە ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن ۋە خىتايچە دەرس بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر قىسىم مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنى يەنىلا ساقلىنىپ قېلىندى»، دېدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن يىللار بويى ئىشقا ئورۇنلىشالماي، ئەڭ تۆۋەن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بىر شارائىتتا، رايوندىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان.

ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، قارامايدىكى ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرى نەچچە مىڭدىن ئاشقان ئەھۋالدا نېفىتلىكتىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە تەمىنات بىلەن تۈركۈم-تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان بىر ئانا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتىگە قارىتا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ يىللار بويى ئىشسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى كۆپەيگەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرى قاتمۇ-قات قاماللار ئارىسىغا ئېلىنىپ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بىر مەزگىلدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات ۋەدىسى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەن بۇ ئىمتىيازلار يەرلىكتىكى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەن. 

ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلاردىن 7 مىڭ خادىم تەكلىماكان بويىغا جايلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مائارىپ سىستېمىسىغا «قوش تىل» ئوقۇتۇشى بويىچە ياردەمگە ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.