خىتاي زىيالىيلىرى خەلق قۇرۇلتىيىدىن ب د ت پۇقرالار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى
2013.02.27
12-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى باشلىنىشقا ئاز قالغان بىر پەيتتە، بىر تۈركۈم خىتاي زىيالىيلىرى بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىن بۇ قېتىمقى يىغىندا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن، ئاخبارات ۋە تەتقىقات ساھەسىدىكى زىيالىيلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللىغان بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق خېتىدە، 12-قۇرۇلتاينىڭ تېز ھەرىكەت قىلىپ، ب د ت نىڭ «سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» نى تەستىقلىشىنى، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر ئەھدىنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. ئوچۇق خەتتە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاساسىي قانۇن بويىچە 5-مارت باشلىنىدىغان يىغىنغا مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلاش ھەققىدە تەكلىپ لايىھە سۇنۇشقا چاقىرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى «ب د ت سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» نى 1988-يىلى ئىمزالىغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر ئەھدىنامە خەلق قۇرۇلتىيىدا باستۇرۇپ قويۇلغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئەھدىنامىنىڭ تەستىقلانمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئىجرا قىلىشنى ئىزچىل كېچىكتۈرۈپ كەلگەن. لېكىن خىتاي ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان 15 يىلدىن بۇيان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىنى تېزرەك تەستىقلاش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچراپ كەلدى.
خىتاي نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈرۈپ كەلدى؟ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي زىيالىيسى، چەتئەلدىكى خىتايلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى ژۇرنىلى «بېيجىڭ باھارى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ئىلگىرىلەپ ئارىلىشىشىدىن ئەنسىرەپ، مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن.
خۇ پىڭ ئەپەندى: ئۇ، بۇ ئەھدىنامە ماقۇللانسا تېخىمۇ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىنى ئويلىشىپ ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈرۈپ كەلدى. ئۇ تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىشىنى كۈتمەسلىك كېرەك. ئۇ ئەھدىنامىنى ئىزچىل تەستىقلىماي كەلدى. ئۇ ئىجرا قىلسۇن-قىلمىسۇن، تەستىقلاش بىلەن تەستىقلىماسلىق ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى بىلىدۇ. سەن ئۇنى تەستىقلىغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت سېنىڭ ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىڭنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى تېخىمۇ ئاسان تەنقىد قىلالايدۇ. بۇ ئەھۋالدا جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشقانلىق، دەپ تەنقىدنى رەت قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ. چۈنكى خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغانلىق توغرۇلۇق نۇرغۇن قېتىم تەنقىد قىلغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنى ئىزچىل ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشقانلىق، دەپ كەلدى. ئەگەر ئۇ بۇ ئەھدىنامە تەستىقلاپ قويسا، ئۇنىڭ بۇ باھانىسى ئاقماي قالىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلىماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.
ئوچۇق خەتكە ھازىرغا قەدەر خې ۋېيفاڭ، ۋاڭ لىشيوڭ، ماۋ توبىن، جاڭ مىڭ، پۇ جىچياڭ، خې بىڭ، دەي چىڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن، ئاخبارات، تەتقىقات ساھەسىدىكى 120 دىن ئارتۇق خىتاي زىيالىيسى ئىمزا قويغان. ئۇلار مەزكۇر خەلقئارا ئەھدىنامە ئىنسانىيەتنىڭ ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە ئىززەت ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئەھدىنامىنى تەستىقلاش كىشىلىك ھوقۇق دۆلىتى قۇرۇپ، جۇڭگونى ئاساس قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش پرىنسىپىنى ئالغا سۈرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ» دېگەن.
بىراق، مەزكۇر ئوچۇق خەتنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە ۋە قۇرۇلتاي ئەزالىرىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
شى جىنپىڭ 2012-يىلى 11-ئايدا پارتىيە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، ئىزچىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ، ھوقۇق تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان ئۆزىگە ئىسلاھاتچى ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى مونوپوللۇق ئورنىغا چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغان زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ چاقىرىققا قۇلاق سېلىپ، ئۇنى كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقىغا ئېھتىمال بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىنى كۈنتەرتىپكە قويۇپ تەستىقلىشى، ئۇنى كېچىكتۈرۈپ ئارقىغا سۈرگەندىن ياخشىراق.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: سىز بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بەزى ئىچكى قانۇنلىرىغا مەلۇم تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشىڭىز، ئەھدىنامىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. شۇڭا ئۇ بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى خالىماي كەلدى. بىراق مەن بايام ئېيتقاندەك ئۇ تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ، بەزى قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. ئۆزگەرتكەن تەقدىردىمۇ، ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى ناتايىن. چۈنكى بۇنداق بولۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل يەنىلا ھاكىمىيەتنى كومپارتىيە مونوپول قىلىۋالغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ چەكلىمىگە ئۇچراشنى، نازارەت قىلىنىشنى خالىمايدۇ. ئۇ ھەتتا بەزىدە ئۆزى چىقارغان قانۇنلارنىمۇ ئاياغ-ئاستى قىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇ مەزكۇر ئەھدىنامىنى ماقۇللىغان تەقدىردىمۇ، چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. بىراق بىز يەنە شۇ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ بۇ ئەھدىنامىنى ماقۇللىشىنىڭ ئۆزى ئىجابىي بىر قەدەم. ئەگەر ئۇ بۇنى تەستىقلىسا، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەھدىنامىگە خىلاپ بەزى قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىلگىرىلەپ بېسىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
«ب د ت سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» 1966-يىلى ماقۇللىنىپ 1976-يىلى رەسمىي يولغا قويۇلغان. مەزكۇر ئەھدىنامە «خەلقئارا ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئەھدىنامىسى» بىلەن بىر قاتاردا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تولۇقلىما ھۆججىتىنىڭ بىرى. ئۇ، ب د ت نىڭ شەخسلەرنى قوغداش، ھاياتلىق ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك، سۆز ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، سايلاش-سايلىنىش، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چېتىشلىق مۇھىم ئۆلچىمى.
مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 8-ماددىسى ھاشارنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 9-ماددىسى قولغا ئېلىنىپ ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ، ئەيىبلەشنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، 27-ماددىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تىلىنى قوغداش، ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك.