خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس قىلىشتىن مۇقىملىقنى قوغداشقا بۇرۇلغان
2014.01.16

خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 19-دېكابىر چاقىرىلغان «شىنجاڭ خىزمەت» يىغىنىدىن بۇيان، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنغان ئالاقىدار بەزى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۈز ھەرىكەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان «شىنجاڭ سىياسىتى» مۇقىملىقنى ئاساس قىلىشقا بۇرۇلغان.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شىڭكۇننىڭ يېقىندا قىلغان سۆزى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 -نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتى، ئۇنىڭ سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئالاقىدار بەزى سىگناللارنى بەرگەن.
دائىرىلەر يەنە، يېقىندا بېيجىڭ گارنىزون قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدا مۇتەخەسسىسلەشكەن بىر گېنېرال مايورنى گارنىزون قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گېنېرال مايور پەن لياڭشىنىڭ بېيجىڭ گارنىزون قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 28-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە باغلىغان ئىدى.
لېكىن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي زىيالىيسى، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى يۇقۇملۇققا يۆتكىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇلارنىڭ ۋەزىيەتكە قويغان دىئاگنوزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن ئۇلارنىڭ دىئاگنوزىنى توغرا، دەپ قارىمىساممۇ، بىراق ئۇلاردىكى كرىزىس ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ناھايىتى ئېغىر. شۇڭا ئۇلار بۇ خىل سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ سىياسەت يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلىشى بولۇپمۇ، شىنجاڭ ۋە شىزاڭدەك رايونلاردا ئاساسلىق نىشاننى بىخەتەرلىككە قارىتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئىدىيىدە تەييارلىق قىلىپ قويۇش لازىم. كومپارتىيە ھۆكۈمىتى 3 كە ئىشەنچنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىقىغا بولغان ئىشەنچ يوق. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىيلىقىغا جىددىي سوئال قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى ئېھتىمال.
نۇر بەكرى پەيشەنبە كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش 2014-يىللىق خىزمەتنىڭ ئالدىنقى نىشانى، دەپ كۆرسىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى قەتئىيلىك بىلەن باستۇرىدىغانلىقى، ئاتالمىش زوراۋان تېررورلۇق ۋە زور كۆلەملىك ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن 3 كۈن ئاۋۋال، خىتاي ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۇن ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ج خ نازىرلىرىغا يىغىن ئېچىپ، تېررورلۇق ھۇجۇملارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ: پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ساقچى ئورگانلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمغا قارشى كۈرەشتە قەتئىي بولۇشى كېرەك، دېگەن.
لېكىن، چېن كۇيدې ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر قايتا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان مۇقىملىقنى ئاساس قىلىش سىياسىتى بۇرۇن يولغا قويۇلۇپ مەغلۇپ بولغانلىقى، بۇنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخىي، بولۇپمۇ 2000-يىلدىن كېيىنكى ھۆكۈمرانلىق تارىخىي ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ سىياسىتى شىنجاڭدا ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرۇپ كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرمايلا قالماي، تېخىمۇ زور قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سىياسىتى مەغلۇپ بولغانلىقى، بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى، ئەگەر ئۇ داۋاملىق بۇ سىياسەتنى يۈرگۈزسە، مىللىي زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى لازىم. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، يېڭى سىياسەت يۈرگۈزۈشى زۆرۈر. تەدبىر قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلغاندا، مىللەتلەر ئۆز ئارا تىنچ بىرگە ياشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ نۇقتىنى بەزى تەرەققىيپەرۋەر ئەمەلدارلار تونۇپ يەتسىمۇ، بىراق مۇتلەق كۆپچىلىك ئەمەلدارلار بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇلار پەقەت يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلا مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق تارىخ بۇ سىياسەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى، دېدى.
خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ 19-دېكابىردىكى يىغىنىغا شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىن ئاخىرلىشىپ ئەتىسى يەنى 20-دېكابىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىپ، يىغىننىڭ قارارى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇ، شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى 4 قېتىم چاقىرىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
بىراق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنغان نۇرغۇن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىلمىگەن. چېن كۇيدې ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلى جۈملىدىن تىبەتتىكى بارلىق مەسىلىنىڭ نېگىزى يەرلىك خەلقنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش -قىلماسلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈپ، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدۇر. شىنجاڭ جۈملىدىن شىزاڭدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە، يەرلىك خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتۇر. بۇ مەيلى مەدەنىيەت ھوقۇقى بولسۇن ياكى دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى بولسۇن. ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھوقۇقى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا كاپالەتكە ئىگە بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، كەلگۈسىدە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا چىقمايدۇ. شۇڭا، يەنىلا چوقۇم ئۆز ئارا ئاساسى ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر كېلىشىم بولۇشى لازىم. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى، مائارىپ ھوقۇقى، ئانا تىل ھوقۇقى ۋە ھەر خىل ئېتىقاد ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنى قىلىش تەسمۇ ئەمەس. بىراق جۇڭگو كومپارتىيىسى ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى بۆلگۈنچىلىك، دەپ ئەنسىرەيدۇ. بۇنداق دەپ قارالسا، بۇ مەسىلە مەڭگۈ ھەل بولمايدۇ.