پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا سوۋغا تەقدىم قىلغان

0:00 / 0:00

پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 30-دېكابىر پاكىستان ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى راۋالپىندى، گىلگىت قاتارلىق شەھەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا قىشلىق ماددىي ئەشيالارنى تەقدىم قىلغان.

30-دېكابىر پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى راۋالپىندى، گىلگىت قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا سوۋغا تەقدىم قىلغان.

بۇ پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە پاكىستان راۋالپىندىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ پائالىيىتى ھەققىدە، 31-دېكابىر تور بېتىدە خەۋەر بەرگەن بولۇپ ئۇنىڭدا: «30-دېكابىر ئەلچىسى سوڭ ۋېيدوڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋاكالىتەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر قېرىنداشلارغا قىشتىن ئۆتۈۋېلىش ماددىي ئەشيا بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلدى. راۋالپىندى، شىمالىي رايوندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بولۇپ جەمئىي 40 كىشى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى»دېيىلگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقە بۆلۈمىگە بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ بىراق، ئەلچىخانا تېلېفونىمىزنى پەقەتلا قوبۇل قىلمىدى.

لېكىن، بۇ قېتىمقى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە قاتناشقان راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 70 ياشتىن ھالقىغان بوۋاي ئابلەتخان تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.

ئابلەتخان بوۋاي سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەجبۇرى چىققانلىقىنى ئەگەر بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشمىسا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ۋەتەنگە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشىنىڭ كۆپ توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن سوۋغاتلارنى باشقىلارغا سەدىقە قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە پائالىيەتكە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن 40 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ بىراق، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەلىخان پائالىيەتكە پەقەتلا يىگىرمە نەچچە كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەلچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئەلىخان سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

بىز پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى گىلگىت شەھىرىدىن بۇ قېتىمقى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ھەققىدە بەزى بىر مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن گىلگىتتىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇقېيۇمغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ بىراق، ئۇ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ پائالىيىتىگە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جائامىتى ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان بولۇپ، بەزى بىر ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا نارازى بولغان.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ھازىر شىۋېتسارىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا دىپلوماتىيە ۋەزىپىسىدە بولغان سابىق دىپلومات كېرەم شەرىف خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ھەققىدە خىتايدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن خىتايچە «خەلق تورى»، «چەتئەل تورى» شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «باغداش تورى» قاتارلىق تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.