خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدىكى ۋېيپۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىدا ساقلانغان «باش نىشاننى چۆرىدەپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش - تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى تەرىپىدىن ھازىرلانغان بۇ دوكلاتتا، ئوچۇق ھالدا، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا يېنىك خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋە ھەتتا خاتالاشمىغانلارنىڭمۇ يىغىۋېلىنغانلىقى، بۇنىڭ بولسا بىر ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى تا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلغىنى يوق؛ خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا دۇچ كەلگەندە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلغان؛ ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ لاگېرلار ھەققىدە، بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتقان ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيەسىدىن سوراشنى بۇيرۇغان. ئەمما خىتاينىڭ تور ئۇچۇر ئامبارلىرىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بەزى ھۆججەتلىك ماتېرىياللار، مەزكۇر لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەپ تۇرماقتا. خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدىكى ۋېيپۇ تەتقىقات مەركىزىدە بۇلتۇر 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە توردا كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان بىر ئاتالمىش ئىلمىي دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىنغان. «باش نىشاننى چۆرىدەپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتتا، لاگېرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقىنى ۋە يېپىق تەربىيە خىزمىتىدىكى قىيىنچىلىق ھەم نۇقسانلار تىلغا ئېلىنغان ۋە يېپىق تەربىيىنى تەربىيە قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يول كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ساقچى ئورۇنلىرىمۇ، رايوندا يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەتئىي تۈردە ئىنكار قىلغان ئىدى.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى «ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق-زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» يۈز بەرگەنلىكى؛ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلار ئارىسىدا «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلارنىڭ يوقلۇقى» نى ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن، ئارقىدىن ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ چوڭقۇر سىڭگەنلىكى ۋە ئومۇميۈزلۈك يامرىغانلىقى»، بۇ سەۋەبتىن «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن چېغىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى تېررورلۇقنىڭ ھەرىكەت مەنبەسى بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيىۋى مەنبەسى بولسا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىكەنلىكى ۋە شۇنىڭدەك ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرلار شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر يوليورۇقىدىن كېيىن تەسىس قىلىنغان.
ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى خادىمى ھەتتا، ئۆزىنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە جازالاش ۋە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئىككى يول تەڭ مېڭىلغانلىقى، زەربە بېرىش يولىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەربىيىلەش جەھەتتە يېتەرلىك نەتىجە قازىنىلمىغانلىقى؛ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىش ۋە يامرىشىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونى ۋە رايون خەلقى ئىشارەت قىلىنىپ: «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدا ئەسەبىيلىكنىڭ ئۇرۇقى، تۇپرىقى ۋە بازىرى يەنىلا مەۋجۇت» دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنلىرىدا تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇنىڭغا چېتىلغانلارغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىلىپ بولۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ قورسىقىدا غۇمى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بېرىلگەن جازانىڭ ھەقلىقلىقىنى ئىدىيە جەھەتتىن قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقى ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا، يېپىق تەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئۆتكەن يىل 6-ئايدىكى مەزگىلى كۆزدە تۇتۇلۇپ؛ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قانۇنغا يېنىك خىلاپلىق قىلغان، ھەتتا قىلمىشى تېخى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن كىشىلەرنىڭمۇ ۋە جازالىنىپ بولۇنغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭمۇ يىغىۋېلىنغانلىقى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى ھەم دەل ۋاقتىدا بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ نەچچە يۈزمىڭ ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى ماگنېتسكىي قانۇنى بويىچە جازالاشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ئەيىبلەشكە قارىتا ئىنكاسىدىمۇ «ئاساسسىز گەپلەر» دېيىش ئارقىلىق رايوندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بوينىغا ئالمىغان ئىدى.
يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېتىراپ قىلىنغان مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان تور بەتتىكى چۈشەندۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتنى ئېلان قىلغان ۋېيپۇ تەتقىقات ئورنى خىتاي دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئاخبارات تەتقىقات ئورنىنىڭ تارمىقى ئىكەن. دوكلات ئۇيغۇر رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى چيۇ يۈەن يۈەن تەرىپىدىن تەييارلانغان.