خىتاي ھۆكۈمىتىنى «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» غا مەجبۇرلىغان ئامىل زادى نېمە؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.11.06
maralbeshi-yighin-ramizan-diniy-xizmet.jpg مارالبېشى ناھىيەسىدىكى رامىزان توغرۇلۇق يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Haji Qutluq Qadiri


قەشقەردە چاقىرىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. يىغىندا 2020 - يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ۋە چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» 4 - نويابىر كۈنى «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر يىغىننىڭ داغدۇغىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتايچە قاناللاردىمۇ تەشۋىق قىلىندى.

خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يىغىننىڭ تۈپ مەقسىتى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ «مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش»، 2020 - يىلىغا بارغاندا «جەنۇبتىكى خەلقنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش» بولغان.

يىغىندا جاڭ چۈنشيەن «شىنجاڭنى بىر تاختا شاھماتقا ئوخشاتساق، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ كۆزى» دېگەن.

خەۋەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىنى 2014 - يىلىدىكى رەقەم بويىچە 2800 يۈەن ھېسابلاپ، مۇشۇ ھېسابقا ئاساسلانغاندا، ھازىر جەنۇبتا 1 مىليون 590 مىڭ نامرات بار، دەپ ئوچۇقلىغان.

خەۋەردە يەنە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدا 1 مىليون 500 مىڭ ئىشسىزنىڭ ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنغان. «ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» بولسا «رايون تىنچلىقىنىڭ، ئەبەدىي مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى» سانالغان.

جاڭ چۈنشيەن بۇ يىغىندا مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇشنى يەنە تەكرارلاپ: «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايقاش، ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە دەل زەربە بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە قانۇنىيەتنى خۇلاسىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز؛ ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.

بىز بۇ توغرىلىق ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەر مېھمانخانىسى، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى، قەشقەر مىللىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇلىشالمىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئەكبەرجانمۇ يىغىنى بارلىقىنى باھانە قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئەمما، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىغىننى چاقىرىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسىي ئامىل يالغۇز نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇبىدا كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدۇر.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى تيەنئەنمېندىكى پارتلىتىشتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان يۈزلەرچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق رايونلاردا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەم ئېتىقادىنى ئەڭ مۇستەھكەم ساقلاپ كەلگەن جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدا تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بولسا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا قانداقتۇر بىر مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.