خىتاي «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» پەيدا قىلغان 15 مىڭ كىشىنى تۇتقان
2015.08.18
بۈگۈن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا «ئىنتېرنېتنى تازىلاش» ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان «تور بىخەتەرلىكىگە» خىلاپلىق قىلغان 15 مىڭ نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كونكرېت نېمە جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئىنتېرنېتتىكى سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قاراتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېتقا قاراتقان كونترولىنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېت باشقۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك قائىدە-قانۇنلارنى يولغا قويدى. سەيشەنبە كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتىن قارىغاندا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خىتاي مىقياسى بويىچە 66 مىڭ تور بەت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 7400 جىنايەت دېلوسى تۇرغۇزغان ۋە بۇ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن جەمئىي 15 مىڭ كىشىنى قولغا ئالغان.
جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ «ئىنتېرنېتنى تازىلاش» نامىدىكى 6 ئايلىق بىر ھەرىكەتنى باشلىغان ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلارغا ئائىت بەزى داۋالارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن يىلى دېكابىرغا تۇتىشىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ قېتىملىق تور تازىلاش ھەرىكىتىدە «قانۇنسىز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلار ۋە شۇنداقلا سېرىق مەزمۇنلار، تور قىمارخانىسى، تور ئارقىلىق قورال ۋە پارتلاتقۇچ ساتقانلار» تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدىكى قانۇنسىز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلار دېگەن سۆزىگە ئوچۇق ئېنىقلىما بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت، دەپ قارالغان ھەرقانداق ئۇچۇر ۋە ئۇنى تارقاتقۇچىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىسالى بولسا تيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن ئىنتېرنېتتا ۋەقەگە ئائىت رەسىم-ۋىدېئولارنىڭ ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىدۇر.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تيەنجىن دائىرىلىرى بىر ئەر كىشىنى «ئىنتېرنېتتا تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ خەۋەر تارقاتتى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالغان.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ «جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بۇندىن كېيىن تور جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى يوقىتىشقا قاراتقان كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، تور جىنايەت گۇرۇھلىرىنى تارمار قىلىدۇ» دېگەن. دەرۋەقە، بايانات ئېلان قىلىنغان ئوخشاش كۈندە خىتايدا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئاكتىپلىرىنىڭ تور بەتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولدى. خىتايدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ۋە خىتايدىكى باشقا ئەرزدارلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان «تيەنۋاڭ» ناملىق تور بەت قۇرغۇچىسىنىڭ خۇئاڭچىنىڭ بۈگۈن ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ تور بېتى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندىن بۇيان پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئىنتېرنېتتىكى بارلىق يوللانمىلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، خىتايدا ئېچىلىشى چەكلەنگەن فېيىسبۇك ۋە گۇگۇلغا يوللىغان ئۇچۇرلىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. خۇئاڭچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ ئۇلارنىڭ تور بېتىنىڭ 20-قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئىكەن. خىتايدىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىكنى پاش قىلىپ كېلىۋاتقان «جۇڭگو كۆزەتكۈچىلەر ۋە جامائەت پىكرى» تور بېتىنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ تورغا ئەنگە ئالدۇرۇش نومۇرىمۇ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلگەن. ھازىر تور بەتنى ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. تەشكىلات مەسئۇلى لى شىندې سۆزىدە مۇشۇ يىل ئىچىدە تور بەتنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ساھە نامىنى 50-60 قېتىم ئۆزگەرتىپ بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەت ۋە تور بەت قوللانغۇچىلىرىغا قاراتقان قامالى تېخىمۇ ئېغىر. تېخى ئۆتكەن ھەپتە يەنى، 6-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش سۇپىسى» نىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئارقىلىق دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ تېلېفون، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق توردىكى ئاتالمىش «زىيانلىق ئۇچۇرلارنى» پاش قىلسا بولىدىغانلىقىنى، تور ساقچىلىرىنىڭ پاش قىلىنغان ئەھۋاللار ئارقىلىق «توردا دۆلەت بىخەتەرلىكى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، رادىكال دىنىي ئەقىدىلەرنى تارقىتىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللىغانلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان» لىقىنى ئۇقتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالىنىڭ ئەڭ ئېغىرلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ پەقەت رايوننىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى، تور بەت قوللانغۇچىلىرى، يازغۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئىنتېرنېتتا قانۇنسىز دىنى ماتېرىياللارنى تارقىتىش، كۆرۈش، ساقلاش» دېگەندەك جىنايەت بىلەن ھەم شۇنداقلا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى توردا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ نەچچە يۈزدىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر ئەگەر خىتايدا «تور بىخەتەرلىكى قانۇن لايىھىسى» ماقۇللانغان تەقدىردە بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بوغۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن بۇ ھەقتە رويتېرسقا بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، بۇ لايىھەنىڭ 50-ماددىسىنىڭ ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە دائىرىلەرگە ئىنتېرنېت تورىنى كېسىش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قانۇن ماقۇللانغان تەقدىردە، بۇندىن كېيىن 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتنىڭ 10 ئاي بويىچە كېسىۋېتىلىشىدەك ۋەقەلەر خىتايدا قانۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.