تۈركىيەنىڭ سابىق ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئائىلە خىزمەتلىرى مىنىستىرى سەما رامازانوغلۇ خانىم، مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ-كۆلەمدە تارقىتىلماقتا. سابىق مىنىستىر سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا كەڭ-كۆلەمدە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيەدە كونيادىكى ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتى چىش دوختۇرلۇقى كەسپى ئوقۇغۇچىسى فۇرقان تۈركىيە ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئائىلە خىزمەتلىرى مىنىستىرى سەما رامازانوغلۇ خانىمدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغان: «ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان بىر ئىش بار، كېيىنكى بىر يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى 'قوشماق تۇغقان بولۇش' نامى ئاستىدا ھەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بىردىن خىتاي ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. سىز بىر مىنىستىر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ بىز ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا قارشى نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟»
فۇرقاننىڭ بۇ سوئالىغا، مىنىستىر سەما رامازانوغلۇ خانىم مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «سىز سورىغان سوئال بەك مۇھىم، ھازىر خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ-كۆلەمدە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھازىر بېسىم ۋە زۇلۇم چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتتى. پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىقتىسادىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغىچە ھەر ساھەدە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا. مەن بۇ يەردە شەخسىي پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز بۇنى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سىياسىتى سۈپىتىدە خىتاي دۆلىتى بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە شەخسىي ئىسيانىمنى، پەريادىمنى بايان قىلماقچىمەن. بىز شەخسىي نېمە قىلالايمىز دېسىڭىز، دۇئا قىلىشتىن باشقا چارىمىز يوق».
تۈركىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى سەما رامازانوغلۇ خانىم يەنە دېگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ-كۆلەملىك سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بار. بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يېڭى سىياسەت بەلگىلەپ چىقىپ ھەل قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن».
مىنىستىرنىڭ بايانىدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى، مىنىستىر سەما رامازانوغلۇ خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىكەن. بۇنداق تۇرۇقلۇق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟ يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئېھتىمالى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، كۈتاھيادىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، تۈركىيە ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئائىلە مىنىستىرى سەما رامازانوغلۇ خانىمنىڭ كونيادىكى ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئالغا بەرگەن جاۋابىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بەزىدە ئۇيغۇرلارنى رەنجىتىپ خىتاينى خۇرسەن قىلىدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
كۈتاھيادىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما دۆلەت سىياسىتى بولۇش سۈپىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا خىتايغا ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىن كۆپ نەرسە كۈتمەڭلار، تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. تۈركىيە ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا ئېھتىياجى بار. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى بىۋاسىتە بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. قايسى پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولسا بولسۇن خىتايغا بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ».
ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر نەرسە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن بەزى گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتلار ئارقىلىق خىتايغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى مۇمكىن. مەسىلەن ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى گېزىت ۋە تېلېۋىزىيەلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا داۋاملىق خەۋەر ئېلان قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئۆزى خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرمەيۋاتىدۇ».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۈگۈنكى مۇرەككەپ خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرنەرسە دېيىشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سەما رامازانوغلۇ خانىم 2015-يىلى 5-ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ۋە ئائىلە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى ئۆتىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا مۇئاۋىن پرېزىدېنت سەۋىيەسىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تېخىغىچە ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.