خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى، 3-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى سەۋەبىدىن يېڭى ئۇقۇش مەۋسۈمىنىڭ بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەنلا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ ئوخشاش ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈپ، 7-سېنتەبىر كېچىكىپ باشلانغان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.
رادىئومىز ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇشى بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل كېچىكتۈرۈش مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلارغا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا،3-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» سەۋەبىدىن، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇشىنىڭ بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان.
خىتاينىڭ جۇڭگو مائارىپى قاتارلىق ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا «ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى 1-سائەتلىك دەرس يەنى ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىچۈەندىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، بىر ھەپتە كېچىكىپ باشلانغان دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇش» ئەۋالىنىڭ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان يېڭى مەۋسۇمدا «ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش» ئۇقتۇرۇشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە رايوننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، قانۇن بويىچە شىنجاڭنى باشقۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇقىم شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ئىچىدە تەرەققىي قىلىش» شوئارلىرى ئاساسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان.
ئوقۇغۇچىلار 7-سېنتەبىردىن باشلاپ مەكتەپكە يىغىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار 8-ئاينىڭ 24-كۈنىلا مەكتەپكە كېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر ھەپتىلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ ھەقتە توختالغان ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 7-سېنتەبىر كۈنى مەكتەپكە يىغىلىدىغانلىقى، يېڭى ئوقۇش كالىندارىنىڭ 10-چېسلادىن باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئەمما مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار 24-ئاۋغۇست يەنى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى يىغىۋېلىنىپ بىر ھەپتىلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، بىرلىكنى، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، شىنجاڭ ئالاھىدىكىلىگە ئىگە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش» ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ھەرقايسى ئىنىستىتوتلاردا كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۆگىنىشتىن كېيىن بىرمۇ-بىر ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «چېگرانى بۇزۇپ قاچقانلارنىڭ تۆۋىنامىسى»، «ساختا نىقاب ئاستىدىكى جىھاد ئۇرۇشىغا ئاتلىنىش» قاتارلىق فىلىملار قويۇپ بېرىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم ئايرىم ھالدا «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش» كە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 27-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلارغا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش» نامىدىكى خۇلاسە يىغىنى ئېچىلىپ، «شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش»، «پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇش» تەشەببۇس قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە «بۆگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ،مۇقىملىقنى تەكىتلەش» تەشەببۇسى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئىلگىرى خىتايدىكى سابىق باش مىنىستىر جاۋزىياڭغا كاتىپ بولغان، تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى باۋ تۇڭ ئەپەندى 31-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 7-يىللىقىنى خاتىرىلەش نامىدا، ياش ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، قۇرۇلتاي يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ياپونغا قارشى فىلىملارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلماسلىق ھەققىدىكى ئىچكى ئۇقتۇرۇشنى نەقىل ئېلىپ،، پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەنسىرىگىنى ئۈچۈن ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئۇيغۇرلارغا ئۇ قەدەر كۆپ تەشۋىق قىلماسلىقى، ئالىي مەكتەپلەردە بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى «مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» مەزمۇنىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى قاتارلىقلارنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە شەرقىي تۈركۈستاننىڭ مۇقىملىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.