ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەنقىدلىدى

0:00 / 0:00

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ 6-مارتتىكى سانىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بەرگەن خىتاينىڭ بەش يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن كۆپلىگەن كىشىلەر باستۇرۇشنىڭ شەك-شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان ئەزىزى بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇ، سۆزىدە 1990-يىلى 5-ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلىستان ئەزىزى، شى جىنپىڭنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە قايتىدىن كۈچەيتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس غالىپ مىجىت شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، باستۇرۇشنىڭ يالغۇز قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسىتىنى تەنقىدلەپ توردا ماقالە ئېلان قىلغان ئىلھام توختىدەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ مىللىي بۆلگۈنچى سانىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن زامانىسىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ھېچقانداق ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ھېمايىچىلىرىدىن تاكاشى ساتو، شى جىنپىڭنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ئىلگىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خۇ جىنتاۋ زامانىسىدا ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلدى دەپ ئويلايتتىم. بىراق، شى جىنپىڭ ئۇلاردىنمۇ بەكرەك قاتتىق سىيەسەت قوللىنىۋاتىدۇ» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.