ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يىللىق پىلان يىغىنى چاقىردى
2016.03.17
13-مارت توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 2016-يىللىق پىلان يىغىنى چاقىردى. ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يىللىق پىلان يىغىنىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىنغا تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم قوللىغۇچىلار قاتناشقان. يىغىن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.
بىز يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم يىغىن ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، يىغىندا قارار قىلىنغان بەزى بىر كونكرېت پائالىيەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىلقى پائالىيەتلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن مۇراكامى توموكو يىغىندىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «يىغىندا مەزمۇنى مول، دائىرىسى كەڭ، تۈرى كۆپ بولغان پىلانلارنى تۈزدۇق ۋە شۇنداقلا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا كېڭەشتۇق » دېدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىت يىغىندا قارار قىلىنغان بۇ يىلقى يېڭى پىلانلارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان ئەزىزى يېڭىدىن تۈزۈلگەن پىلانلاردىكى تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلەرنى جانلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياپونلارغا، ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى تەشكىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گۈلىستان ئەزىزى سۆزىدە يەنە 2016-يىللىق ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدە نۆۋەتتىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خانىم-قىزلار،ئانا-بالىلار مەسىلىسى، يېزىلاردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نام بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتەك مەسىلىلەر شۇنداقلا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ تەربىيىلەشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ «مېڭە يۇيۇش سىياسىتى» توغرىسىدىمۇ كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىسى تاكاشى ساتو يىغىن ھەققىدە توختىلىپ:«بۇ يىلقى پىلانلار ئىچىدە مەملىكەتنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى زور دەپ قارايمەن ۋە شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ تىرىشىشىنى زۆرۈر دەپ ئويلايمەن» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.