ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ كيۇشۇ شۆبىسى قۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.10.20
imamura-noh-ibrahim.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمامۇرا نوھ ئىبراھىم ئەپەندى. 20016-يىلى ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

19-ئۆكتەبىر ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يىغىن چاقىرىپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كيۇشۇ شۆبىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلات دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى چاقىرىپ، كۆپ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ كيۇشۇ ئۆلكىسى فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى تۇنجى شۆبىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قارار قىلغان ۋە شۆبە تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇقىغا ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن ئىمامۇرا ئەپەندىنى تەيىنلىگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان ئەزىزى كيۇشۇ ئۆلكىسىنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدە قۇرۇلغان شۆبە تەشكىلاتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئىلگىرى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن، ياپون مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئىمامۇرا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئۆزىنىڭ دەسلەپكى قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن گېزىت-ژۇرناللاردىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئوقۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىغا كۆپ ئېچىناتتىم. ياپونىيەدىكى ئىسسىق ھاۋا كىلىماتىدا روزا تۇتۇش تولىمۇ زور بولسىمۇ، مەن ھەمىشە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زۇلۇم ئىچىدىمۇ روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى يادىمغا ئالغىنىمدا، روزا تۇتۇش ۋە بەش ۋاق ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىسلامى ئېتىقادىم تېخىمۇ كۈچلىنەتتى. شۇڭا مېنىڭ ئىسلامى ئېتىقادىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەۋرەنمەس ئىسلامى ئېتىقادى بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇش ئىستىكىدە ئۇيغۇر داۋاسى سېپىگە قوشۇلدۇم.» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمامۇرا نوھ ئىبراھىم ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كيۇشۇ رايونىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئەتراپلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبە تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلىپ ياپونىيەدە كەڭ دائىرىدە ئۇيغۇر داۋاسى ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم خىتاي تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدە خىتاي فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ تەشكىلاتى ئاللىقاچان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ كيۇشۇ شۆبىسى بۇ شەھەردە قۇرۇلغان خىتايغا قارشى ئىككىنچى بىر تەشكىلات ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.