ياپونىيە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.03.07
ilham-mexmut-Yaponiye-erkin-demokratlar-partiyesi-yighin.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 84-نۆۋەتلىك يىللىق ئومۇمىي يىغىنىدا. 2017-يىلى 5-مارت، توكيو
RFA/Qutluq

5-مارت ياپونىيەنىڭ مەركىزى توكيودىكى پرىنىس مېھمانخانىدا چاقىرىلغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 84-نۆۋەتلىك يىللىق ئومۇمىي يىغىنىغا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىپ قاتناشقان.

يىغىن شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندىن ئون ئىككىگە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىنغا ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا توكيودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

84-نۆۋەتلىك ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت يىغىندىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مەزكۇر پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بەزى بىر قارارلارنى ماقۇللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

توكيودا چاقىرىلغان ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، يىغىن جەريانىدا مەزكۇر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن ئىقتىساد مىنىستىرى ئاسو تارو قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەردە بولغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىللىق ئومۇمىي يىغىنىدا، باش ۋەزىر شىنزو ئابې سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە ياپونىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئارال ماجىرالىرىنى تىنچلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ يېقىندا يولغا قويماقچى بولغان ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئىلگىرىكى سىياسىي پارتىيەلەر ھەل قىلالمىغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق شىنزو ئابې خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى جۈملىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تېخىچە ھەل قىلىنمىغان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنى يىغىندا تىلغا ئالمىغان.

شىنزو ئابې يىغىندا يەنە، ياپونىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ ياپونىيەنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان،

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «ئاساھى شىنبۇن»، «يومىئۇرى شىنبۇن» قاتارلىق گېزىتلەر 6-مارت كۈنى مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەرلەر بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى مەزكۇر پارتىيەنىڭ تارىخىدىكى زور سىياسىي بۇرۇلۇش دەپ باھا بەرگەن.

ياپونىيەدىكى مىللەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «سانكىن شىنبۇن» گېزىتىدە بولسا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۇنى بالدۇرراق يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا شىنزو ئابېنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ياپونىيەدىكى خىتاي مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن قانۇنشۇناس ياماگاجونىڭ قارىشىچە، شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ۋەزىپە ئۆتۈشى خىتاينى ئىزچىل ھالدا بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، خىتاي ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنى ياپون مىللەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى بولغان ياپونىيەدىكى كۈچلۈك سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى دەپ ھېسابلايدىكەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسا، شىنزو ئابېنىڭ داۋاملىق ھالدا ۋەزىپىدە بولۇشى، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاينى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى دەپ قارىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ياپونىيەدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرىدۇر.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.