ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.11.21
uyghurlar-toghrisida-leksiye-turmemet.jpg ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 18-نويابىر.
RFA/Qutluq

18-نويابىر ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى كۇماگاي شەھىرىدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە دېموكراتىك سوتسىيال ئۇيۇشمىسى سايتاما ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ 2016-يىللىق ئۆگىنىش كۇرسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەندى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە دېموكراتىك سوتسىيال ئۇيۇشمىسى سايتاما ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ 2016-يىللىق ئۆگىنىش كۇرسىغا ئالاھىدە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئالدى بىلەن لېكسىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كومپارتىيەسى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان.

زىيارىتىمىز جەريانىدا تۇرمۇھەممەت ھاشىم لېكسىيەسىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە «28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر توغرىسىدىمۇ كۆپچىلىككە مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىم يەنە، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدىن كېيىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سايتاما ئۆلكىسى ئاگېئو شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ناكامۇرا ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى لېكسىيە ھەققىدە توختىلىپ: «لېكسىيەدىن مەن شەخسەن ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي كۆچمەنلىرى نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتايلارنىڭ ھوقۇق، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۇيغۇرلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى.

ياپونىيە دېموكراتىك سوتسىيال ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نوگى ئەپەندى لېكسىيە ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تولىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ خىل سىياسىي باستۇرۇش ئىزچىل ئېلىپ بېرىلسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئەلۋەتتە، ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە يەنە، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ياپونىيە ئىقتىسادى» ژۇرنىلىنىڭ ژۇرنالىستلىرى ياپونىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى ۋە شۇنداقلا نۆۋەتتە ياپونىيەدە ساقلىنىۋاتقان بەزى بىر سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالغان.

مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ 2016-يىللىق ئۆگىنىش كۇرسى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىن كەچ سائەت سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا سايتاما ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە دېموكراتىك سوتسىيال ئۇيۇشمىسى ياپونىيەدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان سىياسىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ،مەزكۇر تەشكىلات ئامېرىكا دۆلەت سىياسىتىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى ھىمايە قىلىدىغان، ياپونىيە پارلامېنتىدا كۆپ ساندا ئەزاسى بولغان تەشكىلاتلاردىن بىر ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.