«مۇقىملىق» ئۈچۈن ياللانغان ياردەمچى ساقچىلار ئېغىر خىزمەت بېسىمىدىن شىكايەت قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «مۇقىملىق» ئۈچۈن ياللانغان ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى خىزمەت بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر ساقچىخانىسىدا بىر خىتاي ساقچى ئوفىتسېرىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنى ئۇرۇپ-دۇمبالىغان ۋە تىللاپ-ھاقارەتلىگەن بىر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا بولۇشى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىماقتا.

بىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «مۇقىملىق» ئۈچۈن ياللانغان ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىش، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى خىزمەت سىجىللىقى ھەم سىياسىي جەھەتتىكى بېسىملار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون زىيارىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىلىق ساقچىخانىسىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

‏- ئۇيغۇر ساقچىنى ئۇرغان بۇ ۋەقەدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن. ساقچىخانىدا يىغىن ئېچىلغاندا بىزنى قاتناشتۇرمايدۇ، شۇڭا ئىچكى ئىشلاردىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق. ھازىر كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتىمەن. مەن ئاقساراي ساقچىخانىسىدا ياردەمچى ساقچى بولغىلى 4 يىلدىن ئاشتى. ئايلىق مائاشىمىز 1200 سوم، تاماق پۇلى بىلەن قوشۇلۇپ ئايدا ئاران 1350 سوم پۇل ئالىمىز. خىزمەتنىڭ ۋاقىت چېكى يوق، جىددىي ئەھۋاللار بولۇپ قالسا 24 سائەت نۆۋەتچىلىكتە تۇرىمىز، ئەمما ئالىدىغان مائاشىمىز يەنىلا ئوخشاش. يېزا تەۋەلىكىدە پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر چىقىپ قالسا بىز بەلگىلىمە بويىچە رەسمىي ساقچىلارغا ھەمكارلىشىپ نەق مەيداننى قوغدايمىز. ئەمما بىزگە قورال-ياراغ بېرىلمەيدۇ. خوتەن تەۋەسىدىكى ساقچىخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ساقچى باشلىقى ئۇيغۇر، سىياسىي يېتەكچى (كومىسسار) خەنزۇدىن بولىدۇ. بىزنىڭ ئاقساراي ساقچىخانىمىزدا ياردەمچى ساقچىلار بىلەن قوشۇلۇپ 40 تىن ئارتۇق ساقچى بار. ياردەمچى ساقچى بولۇش ئۈچۈن تولۇقسىزدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەمىز بولسىلا بولىدۇ، ئەمما سىياسىي مەسىلىسى بار ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ياردەمچى ساقچىلىققا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ.

گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىمۇ مۇنۇلارنى ئاشكارا قىلدى:

‏- شۇنداق، مەن موكۇيلا ساقچىخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى. سىز دېگەن ئۇيغۇر ساقچىنىڭ تاياق يېگەنلىكى ھەققىدىكى ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق، نەدە يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ئادەتتە جىددىي ئەھۋاللاردا بىز 24 سائەت ئىش ئورنىمىزدا بولۇشىمىز كېرەك. ئالىدىغان مائاشىمىز 1300 سوم ئەتراپىدا. ياردەمچى ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا قارايدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە بەك قارايدۇ. ئەگەر ئائىلىسىدە سىياسىي مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھەر بىر كەنتتە 3-4 ئەتراپىدا ياردەمچى ساقچى بولىدۇ. بىزگە قورال بېرىلمەيدۇ، پەقەتلا ساقچى كالتىكى ۋە قالقان دېگەندەك نەرسىلەرنى تۇتىمىز. گەرچە ياردەمچى ساقچىلارنىڭ خەنزۇچە بىلىشى تەلەپ قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز يېزا - ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغاچقا، ئارىمىزدا خەنزۇچە بىلىدىغانلار ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس. رەسمىي ساقچىلار ئانچە-مۇنچە خەنزۇچە بىلىدۇ، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇچىنى 30-40% ئەتراپىدا بىلىدۇ. ھازىر يېزىمىزدا ۋەزىيەت سەل جىددىي بولغاچقا مەن 24 سائەت تولۇق نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتىمەن...

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.