30-دېكابىر كۈنى يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 8 ئادەم ئۆلگەن
2013.12.30
پۈتۈن دۇنيا خەلقى يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان مىنۇتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يەنە بىر قانلىق توقۇنۇشنىڭ خەۋىرى تارقالدى.
«تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنخۋا ئاگېنتلىقى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 30-دېكابىر سەھەر شۇ يەر ۋاقتى 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يەكەن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان چەكلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىچاق ۋە ئۆزلىرى ياسىۋالغان يەرلىك پارتلاتقۇچ قوراللار بىلەن قوراللانغان 9 نەپەر ئۇيغۇر يەكەن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان. ساقچى ئىدارىسىدىكى قوراللىق ساقچىلار ۋە ياردەمچى ساقچىلار نەق مەيداندا ئوق چىقىرىپ 8 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئاخىرقى بىر كىشىنى تىرىك تۇتقان. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ھازىرغىچە مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ جەريانى، سەۋەبلىرى ۋە توقۇنۇشتا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
بىز بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن يەكەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون بەردۇق. ھالبۇكى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئورۇنلار تېلېفون قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.
ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر خىتاي خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە ھەققىدە تەڭرىتاغ تورى خەۋەر بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
مۇخبىر: بۇ يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىمۇ؟
نۆۋەتچى خادىم: شۇنداق! سىز كىم بولىسىز؟
مۇخبىر: مەن مۇخبىر، بۈگۈن سەھەر يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى ئىدىم.
نۆۋەتچى خادىم: بۇ ھەقتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر بەرگەن، شۇ خەۋەرنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.
مۇخبىر: ئۇنى كۆردۈم، مەن كونكرېت ئەھۋالنى بىلمەكچى ئىدىم. بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟
نۆۋەتچى خادىم: بۇ ھەقتە «تەڭرىتاغ تورى» تەپسىلىي خەۋەر بەردى. بىز تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلمەيمىز.
مۇخبىر: سىلەر يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنى بولغاندىكىن، تەپسىلىي ئۇچۇرنى بىلىشىڭلار كېرەكقۇ!؟
نۆۋەتچى خادىم: ئاخباراتقا مەسئۇل مەخسۇس ئورۇن بار، بىز بۇ ھەقتە بىلمەيمىز. «تەڭرىتاغ تورى» ئاللىقاچان خەۋەر بەردى، شۇنى كۆرسەڭلار بولىدۇ.
مۇخبىر: سىلەر يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئىشخانىسى تۇرۇپ نېمىشقا بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيسىلەر؟
نۆۋەتچى خادىم: بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى پەقەتلا ساقچى تەرەپنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىملىرىلا بىلىدۇ. «تەڭرىتاغ تورى» شۇنىڭغا ئاساسەن خەۋەر بەرگەن، شۇنى كۆرۈڭ!
مۇخبىر: بۇ ۋەقە بۈگۈن سەھەر يۈز بەردىمۇ؟
نۆۋەتچى خادىم: تەپسىلاتىنى بىز بىلمەيمىز دېدىمغۇ؟ «تەڭرىتاغ تورى» غا چىققان خەۋەردىن باشقىنى بىلمەيمىز. شۇنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.
مۇخبىر: يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۇرۇپ بۇ ئىشنى بىلمەيمەن دېگىنىڭلار نېمىسى؟
نۆۋەتچى خادىم: سىز زادى قايسى گېزىتنىڭ مۇخبىرى؟
مۇخبىر: مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى.
نۆۋەتچى خادىم: ھە، بىز بىلمەيمىز، بۇ ھەقتە يەنە سورىماڭ، بولامدۇ!؟
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمى بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت پۇقرالارنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى قوبۇل قىلىدىغان كادىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى:
مۇخبىر: ياخشىمۇسىز؟ ئەھۋاللار ياخشىمۇ؟
نۆۋەتچى خادىم: ياخشى.
مۇخبىر: بۈگۈن سەھەر يەكەن ناھىيىسىدە بىر ۋەقە يۈز بېرىپتىكەن، بۇ ھەقتە ئەھۋال ئۇقۇپ باقاي دېگەن ئىدىم.
نۆۋەتچى خادىم: نېمە ۋەقە بوپتىكەن يەكەندە؟
مۇخبىر: ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان بىر ۋەقە بوپتىكەن، سىز بىلمەمسىز؟
نۆۋەتچى خادىم: ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
مۇخبىر: مەن مۇخبىر
نۆۋەتچى خادىم: مەن ئۇ ئەھۋاللارنى سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن، خاپا بولماڭ!
مۇخبىر: سىز يەكەندە تۇرۇپمۇ ئاڭلىمىدىڭىزمۇ، بۈگۈن ئەتىگەندە يۈز بېرىپتىكەنغۇ!؟
نۆۋەتچى خادىم: سىز مۇخبىر بولسىڭىز، بۇ ئىشنى رەھبەرلىكتىن سوراڭ، مەن ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيمەن. مەن پەقەت نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتىمەن!
مۇخبىر: بۇ خەت-چەك، ئەرزىيەت ئىشخانىسى تۇرۇپ، سىلەر ھېچقانداق ئەھۋالنى ئۇقمامسىلەر؟
نۆۋەتچى خادىم: شۇنداق، بۇ ئەرزىيەت ئىشخانىسى، بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن.
مۇخبىر: بۇ سوئالغا ئەمىسە كىم جاۋاب بېرەلەيدۇ؟
نۆۋەتچى خادىم: باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن سورامسىز ياكى نەق مەيدانغا كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەمسىز، ئۆزىڭىز قىلىڭ. مەن بۇ ھەقتە سىزگە ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيمەن. مەن ئەرزىيەت ئىشلىرىنى سورايدىغان كادىر.
بىز يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سوئال سورىغان بولساقمۇ، ئۇ بۇ ئىش ھەققىدە گەپ قىلىشنى رەت قىلدى.
بىز يەكەن ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەردىن بىرقانچىسىگە ئارقا-ئارقىدىن تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. ئەپسۇسكى، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قانداقتۇر بىر قورقۇنچ سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە سۆزلىشىشنى خالىمىدى.
بىز ئاخىرىدا يەكەن ناھىيىسىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ قول تېلېفونىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفوننى كېچىلىك جىددىي يىغىن ئۈستىدە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تېلېفوننىڭ چەتئەل مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىشتىن شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، يەكەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئىچكى تەپسىلاتلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى مەلۇم. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەيلى ھۆكۈمەت خادىملىرى بولسۇن ياكى شەخسلەر بولسۇن، ھېچقايسىسى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا يەنە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى بۇ قېتىممۇ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى. ئۇلارنىڭ قىلمىشى دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ھەمدە خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان قانلىق باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.