ئۇيغۇر رايونىدىكى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بىر قىسىم يەرلىك دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ 40% نى قايتا تەربىيىلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى تىلغا ئالدى. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئاقساراي يېزا باش يۇلغۇن كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆزلىرىگە يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى قايتا تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنىڭ 40% ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەزىپىنى 15% ئورۇنلىغانلىقىنى بىلدۈرسە، قارا جىلغا كەنت سېكرېتارى، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئەمدىلا 4% ئورۇنلىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەيزىۋات شاپتۇل ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى قايتا تەربىيىلەشنىڭ سان ۋەزىپىسى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى، ئەمما تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 80% نى جازالاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردا ئېچىلغان يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتكەن، بەزى جايلاردا ھەر ئىككى ئائىلىدىن بىر كىشىنى قاماققا ئالغان، بەزى مەھەللىلەردە ئۆي باستۇرۇپ ئادەم تۇتقان، بەزى ئائىلىلەردىن ئەر-ئايال ياكى قېرىنداشلار بولۇپ 5-6 دىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ داغدۇغىلىق ۋە كەڭ-كۆلەملىك ھەرىكىتىنى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر ئاشكارا ھۆججەت ياكى ئاخبارات تارقاتمىدى. ئەكسىچە، بىر تەرەپتىن خەلقئاراغا ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تىنچ ۋە ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ۋەزىيەتنى ئاشكارىلىغان خەۋەر ۋە پاكىتلارنى ئىنكار قىلماقتا. ھەتتا دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئەكىلىنىۋاتقان، بۇ يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى، «كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش مەركىزى»، «پۇقرالار مەكتىپى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئورۇننىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرماقتا. بىز يېپىق مەركەزلەر ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئىجرائاتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دائىرىلەرنىڭ، رەسمىي ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. يەرلىك دائىرىلەر، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي قىزىل باشلىق بىر ھۆججەتنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئەمما يېزا ۋە ناھىيەدە ئېچىلغان يىغىنلاردا، ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئاھالىلەرنىڭ 40% نى قايتا تەربىيىلەش ھەققىدە ۋەزىپە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزا باش يۇلغۇن كەنتىدە ھازىرغا قەدەر 82 كىشى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن، 61 كىشى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. كەنت سېكرېتارى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۆزلىرىنىڭ قايتا تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار كۈتكەن دەرىجىگە ئېلىپ بارالمىغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا كەنتلەرگە نىسبەتەن، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىغانلىقىنى، يەنى ئاھالىلەر نوپۇسىنىڭ 15% نى تەربىيىلەش مەركىزى ۋە تۈرمىگە يولغا سالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاقساراينىڭ قارا جىغا كەنت سېكرېتارىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قارا جىلغىندىن ھازىرغا قەدەر 84 كىشى تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن؛ كەنتنىڭ نوپۇسى 1956 بولۇپ، مەزكۇر ۋەزىپىنى ئورۇنلىشىنىڭ 4% گىمۇ يەتمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان كەنت سېكرېتارى، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە بۇ جەھەتتە بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل ساقچىخانا خادىمى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئادەم تۇتۇش ھەققىدە بىر ھۆججەت ياكى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقى، ئەمما ئەسەبىيلىك ئالامىتى بار بىرمۇ كىشىنىڭ تۇتقۇننىڭ سىرتىدا قالماسلىق، تۇتۇلغانلارنىڭ 80% نى چوقۇم جازالاش ھەققىدە بىر ساقچى ساھەسىنىڭ يىغىنىدا مەخسۇس خەۋەرلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ساقچى خادىمى يەنە ئۆزى تەۋە كەنتتىن ھازىرغا 46 كىشىنى تۇتقانلىقى، بۇنىڭ 33 نىڭ كېسىلگەنلىكى، 13 نىڭ بولسا قايتا تەربىيەدە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
يۇقىرىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئاھالىنىڭ 40% نى قايتا تەربىيىلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00