ئابدۇرېھىم قارى: «يېرىمنى تارتىۋالغانلارنى ۋاڭ لېچۋەننىڭ ئادەملىرى دەيدۇ، ۋاڭ لېچۋەن ئۇيغۇرلارغا ئۆچمىش!...»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.01.21
cheqiliwatqan-Uyghur-qoro-jay-oy.JPG ئۆي-بىساتلىرىنىمۇ ئېلىشقا ئۈلگۈرتەلمەي مەجبۇرىي چېقىلىۋاتقان يامالىق تېغى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ-جايلىرى. 2012-يىل، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

82 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىم قارى ئاكا ئۈرۈمچىدە ئۇششاق تىجارەت بىلەن جان بېقىۋاتقان قىزىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. قېرىلىق يېتىپ قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بۇ بوۋاي ئاخىرقى نەپىسى قالغۇچە ناھەق تارتىۋېلىنغان ئۆي-جايلىرى ئۈچۈن ئەرز قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم ئاكا ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان ئۆي جايلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ 3 مو 4 پۇڭ كېلىدىغان قورۇ-جايىم ئاتۇش شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا توغرا كېلەتتى. يەنى پامىر يولى 40-نومۇرلۇق قورۇ ئىدى. 2004-يىلى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆزى مېنىڭ قورۇ-جايىمغا چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يەر دەۋا ئىشىم باشلاندى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي شىركىتى ئاتۇشتىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ مېنىڭ قورۇ-جايىمنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل بېسىملارنى ئىشلەتتى. ئۇلار ماڭا، 120 مىڭ يۈەن پۇل بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىنادىن ئىككى يۈرۈش ئۆي ۋە شەھەر سىرتىدىن 5 مو يەر بېرىمىز، بىر بالاڭنى ئىشتاتلىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىمىز، دەپ ۋەدە بەردى. ئارقىدىنلا كېچىدە كېلىپ ئالداپ يۈرۈپ قەغەزگە قول قويدۇرۇۋالدى. شۇندىن كېيىن 120 مىڭ يۋەندىن باشقا قوشۇمچە بېرىمىز دېگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى بەرمىدى. مەن بۇ پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلدىم.»

«شۇنىڭ بىلەن مەن ئاتۇش ۋە ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوتلارغا ئەرز قىلدىم. ئۈرۈمچىدىكى ئالىي سوت قارار چىقىرىپ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ قورۇ-جايىمنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئېلان قىلدى. ھالبۇكى، بۇ ھۆكۈمگە خىتاي شىركىتىمۇ، ئاتۇشتىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ پەرۋا قىلمىدى.»

ئابدۇرېھىم قارى ئاكا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاتۇشنىڭ يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى نەچچە يۈزلىگەن ساقچىلار بىلەن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، مەن بىلەن بىرگە قالغان ئىككى ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ قورۇ-جايلىرىنى تراكتور بىلەن تۈرتۈپ ئۆرۈشكە باشلىدى. بىز قارشىلىق كۆرسەتتۇق. ساقچىلار ئابلەت ھەسەن ۋە باشقا قارشىلىق قىلغۇچىلارنى ئۇرۇپ تۇتتى ۋە ساقچىخانىغا قامىغىلى ئېلىپ كەتتى. مەن قېرى جېنىمنى تىكىپ قورۇ-جايىمدىن بىر قەدەم ئايرىلمىدىم. بىر خىتاي ساقچى مېنى بەكمۇ قاتتىق ئۇردى. تاياق زەربىسىدىن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. ھوشۇمغا كېلىپ يەنە قارشىلىق قىلسام يەنە ئۇردى، كۈچۈم يەتمىگەندە تىللىدىم…»

«بۇ يىل مەن 82 ياشقا كىردىم. 5 بالام بار، نەۋرىلىرىمنى قوشۇپ ھېسابلىسام جەمئىي 17 جان كىشىمىز. ئاتۇشتىكى قورۇ-جايىمىزنى تارتىۋالغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلە بويىچە خانىۋەيران بولۇپ كەتتۇق. بالىلىرىم ئۈرۈمچىدە ئۇششاق ئېلىم-سېتىم بىلەن كۈن كەچۈرىدۇ. بىز موماي-بوۋاي بالىلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە نۆۋەتلىشىپ تۇرىمىز. بەكمۇ قىيىن كۈنگە قالدۇق….»

ئابدۇرېھىم قارى ئاكا ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەن ھېچ بىلمىدىم، ئادالەت، قانۇن دېگەنلەر نەگە كەتتى؟ بىزنىڭ قورۇ-جايىمىزنى تارتىۋېلىپ ئورنىغا بىنا سېلىۋاتقانلارنى ۋاڭ لېچۋەننىڭ ئادەملىرى دەپ ئاڭلىدىم. ۋاڭ لېچۋەن ئۇيغۇرلارغا ئۆچمىش… مەن خىتايلار بىزنىڭ قورۇ-جاينىڭ ئورنىغا سېلىۋاتقان بىنانى رەسىمگە تارتىۋالدىم، ئەمدى بىرىنچى قەۋىتى پۈتۈپتۇ. ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىكى قورۇ-جايلىرىمنىڭ يەر-خېتى ۋە باشقا بارلىق رەسمىيەتلىرى شۇنداقلا رەسىملىرىمۇ قولۇمدا بار. ئامال قىلالىسام سىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىمەن.»

«مەن مۇشۇ يېشىمغىچە بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەي كەلدىم. بۇندىن كېيىنمۇ ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن! يەر-زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالا ماڭا مەدەت بېرىپ بەل قويۇۋەتمەسلىكىمنى ئېيتتى. ئەتە يەنە ئالىي سوتقا كىرىمەن. بېيجىڭغا بېرىشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.