ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىق سىياسىتى خىيانەتچىلىككە زەربە بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى 10 شەھەر، رايون ۋە ناھىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر مۇقىملىقنى دەپ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ سىرتىدا قالغان ئۇيغۇر ئىلىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشى دىققەت قوزغىدى.

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئاشكارىلىشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خوتەن، ئاقسۇ، قاراماي، ئىدىقۇت، مىدوڭ، مورى، جىمىنەي، جىڭ، دۆربىلجىن، لوپنۇر قاتارلىق رايون، ناھىيە ۋە شەھەرلەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقان.

ئۇ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، گۇرۇھۋازلىق، نەپسانىيەتچىلىك، ئەمەل سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە، پارتىيە ئىنتىزامى، ئۇنىڭ سىياسەت ۋە نىشانلىرىغا خىلاپ سۆز ھەرىكەتلەرنى، ئىتتىپاقسىزلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرىدىكەن.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشى خىيانەتچىلەرنى تازىلاش نۆۋىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى، «بۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەھۋال» دەپ كۆرسەتتى. لېكىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇددىئاسىنى«داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى.

خۇ پىڭ: «بۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئەھۋال. چۈنكى، بۇرۇن ئۇ شىنجاڭدا ھېچقاچان خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ باقمىغان. ئەمەلىيەتتە بىز ھەر خىل خەۋەر قاناللىرىدىن شىنجاڭدا ئەمەلدارلارنىڭ چېرىكلەشكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىمىز. خۇسۇسەن، ئۇلار مۇقىملىقنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قالقان قىلىپ، چېرىكلىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى.

كومپارتىيە ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ قول سېلىپ باقمىغان. ئەمدى ئۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بۇ دىققەت بىلەن كۆزىتىشكە ئەرزىيدىغان بىر يۈزلىنىشتۇر.» دەپ كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئىلىدا ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئوخشاش شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا پارىخورلۇق بىلەن جازالانغان ئەمەلدارلار يوق ئەمەس.

جازالانغان ئەمەلدارلار ئىچىدە خوتەن شەھەر باشلىقى جۈرئەت، ئاتۇش شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ئۆتكۈر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇن ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر كادىرلار بار.

لېكىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، چېرىكلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما رايوندا بۇ خىل قىلمىش بىلەن جازالانغان دىلولار ئاساسەن سىمۋول خاراكتېرلىك، خالاس.

ئۇ، كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭدا چېرىككە قاتتىق زەربە بېرىشى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، چۈنكى ئۇلار چېرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىلسە، شىنجاڭدىكى كادىرلار قاتلىمىدا مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ، بۇرۇن شىنجاڭدا چېرىككە قارشى تۇرماسلىقتىكى سەۋەب ئۇ شىنجاڭدىكى سىياسىي، ھەربىي رەھبەرلەردە مۇقىملىقنى ساقلاشنى چىقىش قىلغان. چۈنكى، چېرىكلىككە قارشى تۇرسا، ئىچكى قىسىمدا نۇرغۇن مەسىلە كېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ئىچكىرىدىكى خەنزۇ رايونلىرىدا بۇ ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكى بىزگە مەلۇم. ئىچكىرىدە ھۆكۈمەت قالايمىقانلىشىپ، نۇرغۇن كىشى مەسىلە سادىر قىلىشتىن قورقۇپ، ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان بۆلىۋالدى.

بۇرۇن شىنجاڭدا چېرىكلىككە قارشى تۇرمىغان بولسا، بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقىملىقنى قوغداش چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا، ئۇ ھازىر شىنجاڭدا چېرىككە قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بىزگۇمان بىلەن قارايمىز. ئۇ خەنزۇ رايونلىرىدا ئېلىپ بارغاندەك قاتتىق ئېلىپ بارامدۇ ياكى مۇنداقلا ئۆتكۈزىۋېتەمدۇ، بۇنى داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.»

د ئۇ ق نىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا چېرىكلىك مۇقىمسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر ئىلىدا پۈتكۈل سىستېما چېرىكلەشكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «سىياسەت ئۆزگەرتىلمىسە، بۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ» دېدى.

دىلشات مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ۋەتەندە ئامانلىقنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېگەن نام بىلەن ئەدلىھە، قانۇن سىستېمىسى چېرىكلىشىپ كەتتى، دېسەك خاتالاشمايمىز. چۈنكى، ئۇلار مەركەزدىن پۇل تەلەپ قىلىدۇ، رايوندىكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن. ئۇلار رايوندىكى بەزى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇلغا ئىگە بولىدۇ. شۇمۇ بىر مەسىلە، ھازىر مازار ئېلىش ئۈچۈنمۇ پارا بېرىپ ياخشى جاي ئېلىش كېرەك. ۋەزىيەت مۇشۇنداق بىر ئېغىر ئەھۋالدا. بۇ مەسىلە سىياسەتنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرمەي تۇرۇپ ھەل بۇلىمايدۇ.»

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى چېرىكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىمەن دېسە توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

دىلشات رىشىت: «ھازىرقى ۋەتىمىزدىكى قاتلاممۇ-قاتلام سىڭىپ كەتكەن بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۇ مەسىلىنى كەڭ دائىرىدە ھەل قىلىمەن دېسە، خىتايلار ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئويلىمىغان توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن يانمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى خەنزۇ ئەمەلدارلار مۇقىملىقنى قالقان قىلىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ چېرىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئىچكىرىدىكى رايونلارغا ئوخشاش ئۇنداق داغدۇغىلىق بولماسلىقى مۇمكىن. بىر ئاز يېنىك ئېلىپ بېرىلىشى ئېھتىمال. چۈنكى، ئۇ شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ، كادىرلار قوشۇنى ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭدىكى ھەربىي، سىياسىي دائىرىلەر مۇقىملىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قالقان قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى كېڭەيتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، شىنجاڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرىلەپ كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇ قانچىلىك ئۇزۇنغا بارىدۇ، بىزنىڭ پەرىزىمىزچە ئۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ.»