تايلاند دائىرىلىرى 2014-يىلى ب د ت غا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدى. تايلاندنىڭ 11 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان يەنە 40 نەپەر ئۇيغۇرنى بۈگۈن، يەنى 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى، يەنە بىر قېتىم د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلماي، يەنە 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىتلەر پەيدا قىلغان ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە قارىتا قاتتىق غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.
د ئۇ ق بۇ ھەقتە بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، گەرچە تايلاند باش مىنىستىرى پاتوڭتارن شىناۋاترا (Paetongtarn Shinawatra) 40 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئوچۇقلىمىغان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىنسانىيەتسىز قىلمىشى ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ھەمدە تايلاندنىڭ خەلقئارانىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇندىن ئىلگىرى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى، بۇ قېتىم قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئېغىر قىيىن-قىستاققا، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمۇ باياناتتىن ئورۇن ئالغان.

باياناتتا يەنە، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ھەقىقىي كۈچ چىقارمىغان ب د ت تىمۇ ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تايلاندتىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، دىپلوماتىك ۋە قانۇنىي ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە چىقىش تەشەببۇس قىلىنغان.
د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ئالدىدا ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭمۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۇنيانىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يېتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ تايلاند ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇشقا، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تايلاندتىن ئۇچۇپ قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا قونغان مەخسۇس ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قارشى ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر تارقالماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇلاردىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ساختا سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.