بىڭتۈەن ئاياللىرىنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇتتىن چەكلەش

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.03.10
Qeshqer-saqchi-bala-tekshurush-ayal-harwa-pilanliq-tughut بىر ئۇيغۇر ئايال بالىلىرى سېلىنغان ھارۋىنى ئىتتىرىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ جامەسى ئەتراپىدىكى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 25-ئىيۇن، قەشقەر
Photo: RFA

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» 10-مارت «6 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تۇغۇش ياردەم پۇلىنى شەخسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى» ناملىق بىر خەۋەر تارقاتقان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ خىل «تۇغۇت ياردەم پۇلى» پەقەت بىڭتۈەندىلا تولۇق ئەمەلىيلەشكەن بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭدا قىسمەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن». بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، بىڭتۈەن ئاياللىرىنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشى رىغبەتلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بىڭتۈەن ئاياللىرىنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى تۇغۇت چەكلەش، ئاتالمىش «ئاز تۇغۇپ، تېز باي بولۇش» سىياسەتلىرى بىلەن روشەن پەرق شەكىللەندۈرمەكتە. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىڭتۈەن ئاياللىرى پەرزەنتلىك بولسا، نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىپلا قالماستىن، بەلكى تۇغۇش، كۈتۈنۈش ۋە بالا بېقىشقىچە بولغان بارلىق جەريانلاردا تولۇق مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. دېمەك، بۇ خىل رىغبەتلەندۈرۈش تىپىدىكى ئەۋزەل سىياسەتلەر بىڭتۈەن ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۈەن نوپۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇقەررەر.

«شىنخۇا تورى» نىڭ 2025-يىلى 10-مارت تارقاتقان «6 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تۇغۇش ياردەم پۇلىنى شەخسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى» ناملىق خەۋىرى.
«شىنخۇا تورى» نىڭ 2025-يىلى 10-مارت تارقاتقان «6 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تۇغۇش ياردەم پۇلىنى شەخسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى» ناملىق خەۋىرى.
news.cn/government

ئەسلىدە، تۇغۇت سىياسىتى شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردىمى ئاساسىغا تۇرغۇزۇلۇشى، ئەكسىچە مىللەت پەرقى سەۋەبلىك چەكلەنمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن «ئاز تۇغۇش، تېز باي بولۇش» سىياسىتى، دەل ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇيغۇر نوپۇسىغا قويۇلغان بۇ خىل تەڭسىز چەكلىمىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەت بولۇشتەك نوپۇس ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويغان «نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە باي بولۇش ئۈچۈن ئاز تۇغۇش» سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش ئورنىغا ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ نامراتلىشىشقا، نوپۇس جەھەتتە تېخىمۇ ئازىيىشقا يۈزلەندۈردى. 1990-يىلى بارىن دېھقانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ دەل مۇشۇ مەسىلىلەر سەۋەبلىك يۈز بەرگەنىدى. ھالبۇكى، خىتاي بۇ ھەرىكەتنى ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىك» قاتارلىق سىياسىي قالپاقلار بىلەن قارىلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىشتەك ئەسلى مەقسىتىنى يوشۇرۇپ كەلدى.

ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارىغاندا، نوپۇس سىياسىتى رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، بولۇپمۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مىللەتنىڭ نوپۇس بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن نوپۇس سىياسىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇشتىن چەكلەش بىلەن تەڭ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ يۆتكىدى. ئاقىۋەتتە، 1949-يىلى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 5 پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان خىتاي نوپۇسى، نۆۋەتتە، يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن سان جەھەتتە ئاساسەن ئوخشاش ھالەتكە يەتتى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ بىڭتۈەنگە قاراتقان تۈرلۈك ئەۋزەل سىياسەت ۋە ياردەملىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە كۈچلىنىشىگە ئاساس بولدى. ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە نوپۇس جەھەتتە ئازىيىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىزلاشقا باشلىدى. بۇ ھالەت تەبىئىي ھالدا خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «مۇقىمسىزلىق، مىللىي زىددىيەت» لەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ھەيران قالارلىقى، گەرچە بۇ «مۇقىمسىزلىق ۋە مىللىي زىددىيەت» نىڭ باش سەۋەبكارلىرى خىتاي ئۆزى بولسىمۇ، لېكىن باستۇرۇش ۋە يوقىتىش سىياسەتلىرىنىڭ نىشانى پەقەتلا ئۇيغۇرلار بولدى.

دەرۋەقە، خىتاي ئاتالمىش «تۇغۇت ياردەم پۇلى» نى تارقىتىشتىكى مەقسەتنىڭ، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى بۈگۈن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىلىش، خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي تويلىشىش قاتارلىق قاراتمىلىققا ئىگە نوپۇس سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، تەتقىقات دوكلاتلىرىدىكى دەلىللەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كەڭ كۆلەملىك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن. خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتىدا، 2015-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەنلىكى؛ ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى؛ ئوخشاش مەزگىلدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىنچاقلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە، ئاتالمىش «تۇغۇت ياردەم پۇلى» نى شەخسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەمىناتتىن بەھرىلىنىدىغانلارنىڭ بىڭتۈەنلىكلەر بولۇشى، خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ. يەنى خىتاي نۆۋەتتە، بىر تەرەپتىن بىڭتۈەنلىك خىتايلارنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە «شىنجاڭدا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئورنىغا، تۇغۇتقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغان» دەك تەسىر پەيدا قىلماقچى بولغان. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تۇغۇتتىن داۋاملىق چەكلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەكسىچە بولغاندا، بۇنداق بىر سىياسەت ئالدى بىلەن بىڭتۈەندە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى. خىتاي نۆۋەتتە نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىشى ۋە ئازىيىشقا يۈزلىنىشتەك نوپۇس كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، نوپۇسىنى جىددىي كۆپەيتىشكە موھتاج بولماقتا. ئەمما خىتايدا نوپۇسنىڭ ئازىيىشى بىر يەككە مەسىلە بولماستىن، بەلكى پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئىقتىسادىي كىرىزىس، كىشىلەردىكى تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇشى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار بىلەن باغلانغان مۇرەككەپ بىر مەسىلىدۇر. ھالبۇكى، خىتاي مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ مەسىلىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بەدىلىگە ھەل قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.