«بانكوك پارتلاش ۋەقەسى» دىكى ئۇيغۇر گۇماندارلارنىڭ سوتىغا خىتاي تەرجىمان سەۋەبلىك كۆلەڭگە چۈشكەن
2021.08.18

2015-يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى تايلاند پايتەختى بانكوكتىكى بىر ھىندى ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوتىنىڭ ئادىل ۋە تەرەپسىزلىكى، خىتاي تەمىنلىگەن تەرجىمان سەۋەبلىك ئەندىشە قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند جىنايى ئىشلار سوتى خىتاينىڭ تەرجىمەن ئەۋەتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە سوت تەرجىماننىڭ كېلەر ئايدا يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.
«ئادام قاراتاغ» دىگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان بىلال مۇھەممەت بىلەن مىرئەلى يۈسۈپ 2017-يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى بانكوكتىكى «ئېرىۋان ئىبادەتخانىسى» دا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن ئىككى ھەپتە كېيىن قولغا ئېلىنغان. بىلال مۇھەممەت ئەينى چاغدا 31 ياش، مىرئەلى يۈسۈپ 28 ياشتا ئىدى. نۆۋەتتە بۇ دېلوغا نەق 6 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ سوتى كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلگەن.
ھەر ئىككى گۇماندار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تايلاند جىنايى ئىشلار سوتىدا ھازىرغا قەدەر جىددىي رەۋىشتە سوتلىنىپ باقمىغان.
گۇماندارلاردىن بىلال مۇھەممەتنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاينىڭ 17-ئاۋغۇست «بېنار خەۋەرلىرى» گە ئاشكارلىشىچە، «سوت يېقىندا ئۇلارغا خىتاي ئەلچىخانىسى بەلگىلىگەن تەرجىماننىڭ 9-ئايدا يېتىپ كېلىشى مۈمكىنلىكى» نى ئېيتقان. ئادۋوكات كانپاي «گۇماندارلار بۇنىڭغا قوشۇلمىسىمۇ، بىراق سوت ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى،» دېگەن.
سوتنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشى گۇماندارلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىمۇ سوتنىڭ ئادىل ۋە تەرەپسىزلىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن ئارلىشىپ كېلىۋاتقان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلق ھوقۇقى فوندى» نىڭ دېرىكتورى چالىدا تاجارونسۇكنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەرجىمانىغا ئىشەنگىلى بولمايدىكەن.
ئۇ 18-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دىدى: «ئۇلار بۇ تەرجىمانغا ئىشەنمەيدۇ. ئادەتتە مەن ئۆزۈممۇ شەخسەن خىتاي ئەلچىخانىسى چىقارغان تەرجىمانغا ئىشەنمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. بىراق ھازىرچە بىزنىڭ باشقا تاللاش يوللىمىز يوق. چۈنكى سوت كۆپ قېتىم قايتا-قايتا كېچىكتۈرۈلدى. ئەگەر بۇ قېتىم يەنە كېچىكتۈرۈلسە، سوت يەنە قاچان ئېچىلىدۇ، قانچىلىك كېچىكىدۇ، بىلمەيمىز، شۇنىڭغىچە ئۇلار بەك ئۇزۇن يېتىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىز ھازىر ئۇيغۇرلارغا دوستانە بىر تەرجىمان تېپىپ، گۇماندارلارنى سوتنىڭ ئادىل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خاتىرجەم قىلىشىمىز لازىم.»
بىراق چالىدانىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تەرەپسىز بىر تەرجىماننىڭ تايلاندقا كېلىپ تەرجىمانلىق قىلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بۇنىڭغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ تەرجىماننىڭ قايسىي دۆلەتتىن كېلىشى، ۋاكسىنا ئۇرغۇزغان ياكى ئۇرغۇزمىغانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رەسمى سوت بۇ يىل 11-ئايدا باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
چالىدا مۇنداق دەيدۇ: «سوتنىڭ تەييارلىقى 10-ئاينىڭ 11-كۈنلىرى باشلىنىدۇ. بۇ رەسمىي سوت ئەمەس، بۇ پەقەت تەييارلىق. بۇنىڭدا گۇماندارلار بىلەن ئادۋوكات، ئادۋۇكات بىلەن سوتچى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈشلەر بولۇپ، ئاخىرىقى سوت كۈنى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ. شۇڭا بۇ ئۆكتەبىر سوتنىڭ تەييارلىق باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا سوتنىڭ قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى، قانچە گۇۋاھچىنىڭ شاھىتلىق بېرىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. مېنىڭچە، بەلكىم سوت 11-ئايدا ئېچىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ئۇيغۇر دوستلىرىمىز بىلەن ياردەم سوراپ ئالاقىلىشىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەرجىمان كورونا يۇقۇمى سەۋەبلىك كېلەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. بولسا ئامېرىكا ياكى كانادادىكى باشقا ئۇيغۇرلارنى كەلسىكەن، دەيمىز.»
بىلال مۇھەممەت بىلەن مىرئەلى يۈسۈپ ئەسلى 2014-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتە باش مىنىستىر يىڭلۇك شۋاتنارانى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىلۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەربىي سوتتا سوتلانغان. لېكىن بۇ نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئادىل بولمىغان سىياسى خاراكتېرلىك سوت، دەپ ئەيىبلەنگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ دېلوسى 2019-يىلى 11-ئايدا يېڭى چىققان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جەنۇبىي بانكوك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلگەن ئىدى.
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى مەمەت توخىتىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادادىكى بەزى تەرەپسىز تەرجىمانلار گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ خالىسانە تەرجىمان بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاپ كەلمىگەن. ئۇ: «بىز تەرجىمانلىق قىلىشقا سالاھىيىتى توشۇدىغان بىر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى تايلاند تەرەپكە يوللاپ بەردۇق. لېكىن بىزگە ھازىرغا قەدەر جاۋاپ كەلمىدى. بۇ بۇ تەرجىماننى قوبۇل قىلامدۇ-قىلمامدۇ، بىلمەيمىز،» دېدى.
مەمەت توختى تايلاند سوتىنىڭ گۇماندارلارنى خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن تەرجىماننى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىشى ئەندىشە قىلارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى، سوتنىڭ بۇ ھەركىتى ئۇنىڭ «ئادىل، مۇستەقىل ھەم تەرەپسىزلىكىگە سۇئال پەيدا قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، گۇماندارلاردىن بىلال مۇھەممەت خىتايچىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەن. ئۇ ئۇيغۇر تەرجىمان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. مىرئەلى يۈسۈپ ئېنگىلىزچىنى بىلسىمۇ، بىراق تازا راۋان ئەمەس ئىكەن.
گۇماندارلار قولغا ئېلىنىپ ھەربى سوتتا سوتلانغان دەسلەپكى مەزگلدە ئۆزلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. چالىدا 18-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گۇماندارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ گۇماندارلار بىلەن كۆرۈشەمەيدىغانلىقى، لېكىن ئادۋوكاتنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىدىن خالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئادۋوكات تۈرمىگە بېرىپ گۇماندارلار بىلەن كۆرۈشەلەيدۇ. بىراق بىزگە يول قويمايدۇ. چۈنكى بۇ دېلو بەك سەزگۈر بولغاچقا باشقىلارغا رۇخسەت قىلمايدۇ. پەقەت ئادۋوكاتلارغىلا يول قويۇلىدۇ. ئۇلار ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سوتنىڭ باسقۇچىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇرۇن تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن. كامىرغا ئىت ئەكىرگەنلىكىگە ئائىت ۋەقەلەرنى ئاڭلىدىم، بىراق ئىتقا تالاتتىمۇ-تالاتمىدىمۇ، بۇلارنى بەك بىلمەيمەن. لېكىن ھازىر بۇنداق ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس.»
بىلال مۇھەممەت بىلەن مىرئەلى يۈسۈپكە ئىلگىرى سىراجىدىن باھادىروف ئىسىملىك بىر ئۆزبېك تەرجىمانلىق قىلغان. باھادىروف 2016-يىلى 5-ئايدا «زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىشلىق» دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىنرەك كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
2015-يىلى يۈز بەرگەن «ئېرىۋان ئىبادەتىانىسى» دىكى پارتلاشتا 20 كىشى ئۆلگەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. كۆزەتكۈچىلەر، پارتلاشنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يىلى 7-ئايدا 115 دەك ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ تېرورلىق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. دائىرىلەر ۋەقەنى «ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش جىنايىتى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.