ئاپتوبۇس ۋەقەلىرى خىتاينى ساراسىمگە سالماقتا

ئولىمپىياتقا 2 ھەپتە قالغاندا كۈنمىڭ شەھىرىدە 3 ئاپتوبۇس پارتلاپ، 3 كىشى ئۆلگەن ۋە 14 كىشى يارىدار بولغان ئىدى. بۇ ۋەقە تېخى بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ، تۈنۈگۈن يەنە شاڭخەيدە بىر ئاپتوبۇس پارتلىغان. بۇ ۋەقەدە ئاۋۋال ئاپتوبۇستا ئوت يانغان، ئارقىدىن پارتلىغان. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ بىر پارتلىتىش ۋەقەسى ياكى ئوت كېتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.24
Kunmingda-partlash-080721-305 21 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﯜﻧﻤﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo
 تۈنۈگۈن يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا بېيجىڭدىكى 436 ‏ - يولىدا قاتنايدىغان بىر بولكىۋايدا، يالغان بومبا ۋەقەسى يۈز بېرىپ ساقچىلار ساراسىمگە چۈشكەن. بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ كۈنمىڭدىكى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى تېخى بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ يۈز بېرىشى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

شاڭخەيدىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى ۋە بېيجىڭدىكى يالغان بومبا ۋەقەسى چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىندى. خەۋەردە ۋەقە مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: ئەتىگەن سائەت 10 مەزگىلى، شاڭخەينىڭ يەنئەن يولىدا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇس ۋۇيى يولى دوقمۇشىغا كەلگەندە، ئاپتوبۇسقا ئۇشتۇمتۇت ئوت كېتىدۇ، ئاپتوبۇس 10 مېتىر يۈكسەكلىكتىكى قويۇق ئىس - تۈتەكنىڭ ئىچىدە قالىدۇ، ئارقىسىدىن قاتتىق پارتلاش ئاۋازى چىقىدۇ. ئەتراپتا قاتناش پاتپاراقچىلىقى پەيدا بولىدۇ.

خەۋەردە بېيجىڭدىكى يالغان بومبا ۋەقەسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : 436 ‏ - يولدىكى شوپۇر بولكىۋايدا بىر مۇستەھكەم ئورالغان يەشىكنى كۆرىدۇ، يەشىك شوپۇردا گۇمان تۇغدۇرىدۇ، شوپۇر ساقچىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. ئەتراپنى تېررورغا قارشى جەڭ ھاۋاسى قاپلايدۇ. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ساقچىلار، بولكىۋاي ئەتراپىدا چەكلەنگەن رايون پەيدا قىلىپ، 1 سائەتتىن ئارتۇق جىددىي ۋە ئېھتىياتلىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، يەشىكنىڭ بىر قەغەز يەشىك ئىكەنلىكىنى، پەقەت ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئۈچۈن بومبا شەكلىدە تېڭلىغانلىقىنى بايقىغان. تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن بۇ ئىككى ۋەقە ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ۋە ئاخباراتى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

ئەمما، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ بىر تېررورلۇق گۇرۇپپىسىنى پاش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما بۇ گۇرۇپپىنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق ۋەقە بىلەن قانچە كىشى قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەردە بىلدۈرۈلمىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى شاڭخەي شۆبىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسئۇلى Cheng Jiulong بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسەن خەۋەر قىلغان. Cheng Jiulong سۆزىدە، " بىز بىر گۇرۇپپا تېررورچىلارنى تۇتقۇن قىلدۇق ھەم بېسىقتۇردۇق. ئولىمپىك مەيدانلىرىمىز نۆۋەتتە بىخەتەر ھالەتتە" دېگەن ئارقىدىن تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ 12 مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى شاڭخەيدە ئۆتكۈزىلىدۇ. شۇڭا خىتاي، بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا شاڭخەيگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

شاڭخەيدە ئالدىنقى ئايدىمۇ بىر قېتىم ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۇ چاغدا ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنى پارتلىتىش ئەمەس ئوت كېتىش ۋەقەسى دەپ كۆرسەتكەن ھەم ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنىڭ نېرۋىسىدىن ئاداشقان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، خىتاينى بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا ئەڭ ساراسىمگە سېلىۋاتقىنى ئاپتوبۇس ۋەقەلىرىدۇر. كۇنمىڭدا ئاپتوبۇس پارتلاتقانلار ھەققىدە يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن ساقچىلار دەسلەپ پاش قىلغۇچىلارغا 100 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، بۇ سوممىنى دائىرىلەر ئالدىنقى كۈنى 300 مىڭ سومغا چىقارغان. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونلۇق كوچا ساقچى ئىدارىسىمۇ تېررورچىلارنى پاش قىلغانلارغا 250 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۈرۈمچىدە تاكسىغا چىققۇچىلارغا سومكا ئاختۇرۇش ئۆتكىلى قويۇلغان.شاڭخەي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى Hu Shunkang، ئولىمپىك پۇتبول مەيدانى ئەتراپىدىن ئۆتىدىغان ئاممىۋىي ئاپتوبۇسلارغا 1500 كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە،، ئاپتوبۇس ۋە ئايروپىلان ۋەقەلىرىنى ئەڭ خەتەرلىك ھەرىكەت دەپ قارىماقتا. بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، خىتايغا قارشى كۈچلەر تاللىۋالغان يول ئەمەس، بەلكى مەجبۇرلانغان يول دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.