خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا بىرەر ۋەقە چىقىپ قىلىش ھەققىدىكى ئەندىشە ۋە قايغۇلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، ھەر ھەپتە دېگۈدەك تېررورلۇققا قارشى ئۇقتۇرۇشلار چىقىرىپ، بېيجىڭدا پىلانلانغان نۇرغۇنلىغان كونسېرت ۋە چوڭ يىغىلىشلارنى بىكار قىلىپ، چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزەتكىلى باشلىغان.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭدا يىڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويغان بولۇپ، بېيجىڭ ياشلار گېزىتىنىڭ 9‏- ماي كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار، بېيجىڭدا ماشىنىلارنى توختىتىپ، يولۇچىلارنىڭ كىملىكلىرىنى، پويىز ھەتتا ئاپتوبۇس يولۇچىلىرىنىڭ كىملىك ۋە سومكىلىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئالىي خادىمى، تيەن يېشاڭ، ئولىمپىك جەريانىدا، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭمۇ جىددىي تەدبىرلەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرغۇنلىغان غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بولۇپمۇ ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تېررور تەھدىتىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە. لېكىن تيەن يېشاڭ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە بەرگەن باياناتىدا يەنىلا شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى، ئولىمپىك ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەھدىتى دەپ كۆرسەتكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا شاڭخەيدە بىر ئاپتوبۇستا پارتلاش يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈشى، خىتاي دائىرىلىرىنى تېخىمۇ چۆچۈتۈۋەتكەن. خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشقا بىر يولوچى تەرىپىدىن ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىقىلغان ئاسان ئوت ئالىدىغان بىر سۇيۇقلۇق سەۋەب بولغان.

ئاستىن رەمزىنىڭ " تايمىز" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسدە ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىنغان ھەددىدىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، بېيجىڭنىڭ ئاللىقاچان ئولىمپىكنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولغان.

مارت ئېيىدا، ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ، بىر خىتاي يولۇچى ئايروپىلاننى پارتلاتماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي دائىرىلىرى، ئاپرىل ئېيىنىڭ باشلىرىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا، تېررورلۇق ھۇجۇملار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىشنى پىلانلىغان 45 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ مۇددىئاسىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويمىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى، بېيجىڭ ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

مارت ئېيىدا تىبەتتە بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلانغان قوزغىلاڭ ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئۆتۈشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قارشى تۈرلۈك ھەربىي مانېۋىرلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان خىتاي دائىرىلىرى، چەتئەل سەنئەتچىلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان كونسىرتلارنى شۇنىڭدەك چوڭ يىغىلىشلارنى بىكار قىلىپ، خىتايدىكى چەتئەللىكلەرنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىشنى قارار قىلغان.

تايمىز ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئاستىن رەمزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپرىل ئېيىدا بېيجىڭدىكى كۆڭۈل ئىچىش مەركەزلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي ساقچىلىرى، 8 ى چەتئەللىك 20 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدىكى غەربلىك دىپلوماتلار، بۇ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

" تايمىز" ژۇرنىلى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر غەربلىك دىپلوماتنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى تازىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق بېيجىڭدىكى چەتئەللىكلەرگە، ئۇلارنىڭ داۋاملىق كۆزىتىش ئاستىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلغان.