چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىمەكتە

نۆۋەتتە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ چەتئەل شىركەتلىرىدە ئىشلىگەندىن باشقا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ شىركەتلەرنى قۇرماقتا، شۇنداقلا، رېستورانلارنى ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تائاملىرى ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-11-08
Share
Sendiy-Ependim-Uyghur-Resturani-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺳﯧﺪﻧﯩﻴﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻰ"ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﻮﯞﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ" ﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo / Behtiyar

ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى "ئۇيغۇر رېستورانى"نىڭ ئىگىسى جۈرئەت ئەپەندى، ئەنە شۇنداق چەتئەللەردە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بىرى.

بۈگۈن جۈرئەت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىش قارارىغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەم بۇ رېستوراننىڭ ئاۋسترالىيىلىكلەرگە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى ھەققىدە توختالدى.

جۈرئەت ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ رېستوراننى ئېچىش ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ بۈگۈنكىدەك ھالغا ئەكېلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ، ئەگەر بىر ئادەم مەلۇم ئىشنى قىلىش نىيىتىگە كېلىدىكەن، پەقەت سەۋرى-تاقەت چىدام ئىرادە بولسىلا ئۇيغۇرلار يات ئەللەردىمۇ ئۆز ئىرادىسى بويىچە پۇرسەت يارىتالايدىغانلىقىنى، ئېرىشمەكچى بولغان نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، جۈرئەت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت