ئايال يېزا كادىرى: يۈرۈش-تۇرۇشقا قويۇلغان چەكلىمە بۇلتۇر 7-ئايدىن 10-ئايغىچە ئەڭ ئەۋج ئالدى
2013.01.02

بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا كەنتلەردە، ھەتتا دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روماللىرىنى كوچىلاردىلا ئېچىۋېتىدىغان، ئەرلەرنىڭ بولسا ساقال-بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلايدىغان، ئۇلارنى جەرىمانە ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جازالايدىغان قانۇنسىز قىلمىشلار ئەۋج ئالغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىلىق ئاياللار كومىتېتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر ئايال بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن كېيىن بىر ئاز سۇسلاشقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قويۇلغان ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمىلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئەكس تەسىرلىرىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر ئايال كادىر بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.