2 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت يىغىنى ئاخىرلاشتى

2 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى. 25 دۆلەتتىن 400 ئەتراپىدا، تارىخچى، تۈركولوگ، ئارخېئولوگ، ئەدەبىياتچى، يازغۇچى ۋە شائىرلار قاتناشقان يىغىن 5 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتۇتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور فىكرەت تۈركمەن بىلەن تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى سابىق باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆز قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-04-23
Share
Turk-Dunyasi-Medeniyet-qurultiyi-Izmir-Turkiye-1-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ 2 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇلار قىلغان سۆزىدە، بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا كۆپ ساندا ياش زىيالىيلارنىڭ قاتناشقانلىقىنىڭ كىشىنى قاتتىق سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا پەقەت ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇپلا قالماستىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىلھام توختى قاتارلىق 8 ئوقۇتقۇچى ۋىزا ئالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ تۆتىنىڭ كېلىشىگە رۇخسەت بەرمىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت