دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' دە خوتەن، لوپ، تۇيۇق قاتارلىق جايلاردا پارتلاتقۇچ تېپىلدى' دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.
دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئېچىلىۋاتقان كانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدا، پارتلاتقۇچ دورا ساقلايدىغانلارمۇ، ھەر خىل جىنايەت دېلوسى سادىر قىلىۋاتقانلارمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆزلىرى.
خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ھازىر پارتلاتقۇچ دورا ياكى ئوق-قورال ساقلاۋاتقانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىق دېمەيلا خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى' قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.