زۇبەيرە شەمسىدىن: خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشتە پەقەت تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىلىشى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ.
AFP Photo

خىتاي دائىرىلىرى 2004-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي پىلان بويىچە يولغا قويغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى بارغانچە كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىلىشى، مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان تەرىپى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 12-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى 11 مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئاساس قاتلاملاردا ئاكتىپلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇ خىل تەشۋىقاتلاردىكى كۈچلۈك مىللىي كەمسىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ۋە خىرىسلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

«كۈرەش تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ» دەپ تېما قويۇلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى يېڭى تەشۋىقاتى، يېقىندىن بۇيان پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قاپلىغاندىن باشقا، «كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن تىپلار» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق شەھەر، ناھىيە، يېزىلىرىغىچە دوكلات بېرىش ۋە سۆھبەت يىغىنلىرىدا خەلققە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش سىياسىتىنىڭ خەلقنى بەختكە، پاراۋان تۇرمۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان دانا سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇبەيرە خانىم،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتىدە ئىچكى ۋە تاشقى بېسىم ۋە كاشىلىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ سىياسەتنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈشتىن مۇشۇنداق تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقنى ئالداش ئارقىلىق بۇ سىياسەتنى داۋام قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىدا، ئاقتۇ ناھىيىسى ئۈجمە يېزىسىدىن 2007-يىلى بىرىنچى تۈركۈمدە جېجياڭغا ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچىدىكى رەيھانگۈلنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىگەن دوكلاتىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

شىنجاڭلىق ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىسى، نەمۇنىچى دېگەندەك ناملارغا ئېرىشكەن رەيھانگۈل ئىمىر بۇ يىل 22 ياشتا بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشتىكى باشلامچى ۋە بۇ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىشتىكى نەمۇنىچىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇ بارغان جايلىرىدا بەرگەن دوكلاتلىرىدا ياشلارنى «جەمئىيىتىمىزدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ ماڭا ئوخشاش ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، بالدۇرراق بېيىش يولىغا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ خىتاي توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەش جەريانىدا ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزگەن ھەم ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ «مانا ھازىر دېگەن، شەھەر قىزلىرىدىن قېلىشمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق، مەيلى تۇرالغۇ جاي، مەيلى كىيىم-كېچەك، مەيلى يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، خېلى مەدەنىي يۈرۈشنى ئۆگەندۇق، مەدەنىي شەھەرگە كېلىپ، مەدەنىي كىيىنىپ مەدەنىيەتلىك سۆزلەيدىغان بولدۇق» دەپ، خىتاي ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەچكە، ئىنتايىن مەدەنىيلىشىپ ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ ئاشقانلىقىنى، كىرىم قىلىپ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئالىسىنىمۇ باي قىلغانلىقىنى ھاياجان بىلەن ئىپادىلىگەن.

زۇبەيرە خانىم بولسا، بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، 26-ئىيۇن شياۋگۇەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدەك پولاتتەك ئىسپاتلار ئالدىدا ساختىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ھەر قانداق تەشۋىقاتنىڭ ئۆزىنىڭ ياۋۇز سىياسىتىنىڭ مەقسىتىنى ياپالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ تەشۋىقاتچى رەيھانگۈلنىڭ دوكلاتىدا يەنە ئۆزىنىڭ يېزىدىكى تۇرمۇشى بىلەن خىتاي زاۋۇتىدىكى ھاياتى سېلىشتۇرما قىلىنغان بولۇپ ئۇ «قىش ۋاقتى پايپاققا پۇل يوق، ئوچاق ئالدىدا تىترەپ ئولتۇرغان چاغلار، قېلىن قار ياققان مەزگىلدە ئاياغنىڭ ئۇچىنى تېشىپ چىققان پۇتلىرىمىز، ئايلاپ، يىللاپ گۆشىمۇ يېيەلمەي ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەر كۆز ئالدىمغا كېلەتتى، نېمە دېگەن نامراتلىق بېسىپ كەتكەن چاغلار-ھە، بەزىدە كۈن بويى ئاچ قالغان چاغلارنى ئويلىسام، تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ، مەن ئويلايمەن، ھازىر ئۇلۇغ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ توغرا سىياسىتى ئاستىدا مۇشۇنداق مېھمان سارايدەك ئۆيلەردە يېتىپ قوپۇۋاتىمەن، كىيىنىشلىرىم بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، بۇرۇن سوپۇنغا پۇل يوق، كىيىمىمىز كىرلىشىپ كېتەتتى...، دەپ تەسۋىرلىگەن.

زۇبەيرە خانىم بولسا، مانا بۇ جۈملىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنى قايسى خىل نامرات ھالغا ئەكېلىپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى، خىتاي ئۆلكىلەرگە ئەرزان قۇللۇققا ئالدىنىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت