گېرمانىيىدە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
2012.10.29

بۇ پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. فىرانسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارمۇ بۇ ھېيتلىق مەرىكىگە ئىشتىراك قىلدى. ئۇنپونىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ھەر ساھە رەھبەرلىرىمۇ سورۇنغا داخىل بولۇپ، ھېيت كەيپىياتىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەپەندى جامائەتنى ھېيت مەرىكىسى بىلەن قۇتلىدى. ئاندىن سورۇن ئەھلى مەززىلىك ئۇيغۇرچە تائاملار بىلەن غىزالاندى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۈگۈنكى ھېيتلىق پائالىيەتكە بولغان تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، قۇربان ھېيتلىق بۇ پائالىيەتنىڭ تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
سورۇننىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە ناخشا، ئۇسۇل پائالىيەتلىرى بولۇپ ئۆتتى. ئەر-ئاياللار لەرزان ئۇسۇللارغا چۈشۈپ، قويۇق ھېيت كەيپىياتى ياراتتى. سورۇن خاتىمىسىدە دۇئا قىلىندى.