ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە ئاتلانغۇچىلار قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار

مەلۇمكى، ھەج ئىبادىتى كۈچى يەتكەن كىشىگە ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىملا قىلىش بۇيرۇلغان ئىبادەتتۇر. ئۆمۈر ئىچىدە بىرلا قېتىم نەسىب بولىدىغان بۇ چوڭ ئىبادەتنى ئورۇنداش ئۈچۈن كەلگۈچىلەر مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كېلىش يولىدا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ ۋە كۆپ پۇل خەرج قىلىدۇ. تاپقان ‏- تەرگەنلىرىنى بۇ يولغا ئاتايدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ سەپەر ئۈچۈن ھېچنەرسىسىنى ئايىمايدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.11.10
Hej-paaliyiti-2009-305.jpg سۈرەت، مەككىدىكى ھەج پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش.
www.english.globalarabnetwork.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

لېكىن كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن ئورۇنداشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم ئىشلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى يۇرتىدا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى قىسقىچە خاتىرىلىتىش پايدىلىق ئىشتۇر.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

تۆۋەندە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تالىبى مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن  بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

مۇھەممەد  ھاجىم مۇنداق دېدى: "ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە ئاتلانماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ئورۇنلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ: ئالدى بىلەن ھەج ياكى ئۆمرە قىلماقچى بولغان ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بۇ ئىبادەتلەر بىلەن پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىشى شەرتتۇر. بۇ دۇنيادا "ھاجى" دېگەن ئاتاقنى ئېلىش ياكى دۇنيالىق مەنپەئەت كۆرۈشنى نىيەت قىلىپ بۇ سەپەرگە ئاتلانغانلار ئۆزلىرى مەقسەت قىلغان غايىسىگە يېتىشتىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: "(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ زىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ". بالا - چاقىلىرىغا شەرىئەت ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىش، ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلارنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە توسقانلىرىنى تەرك ئېتىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىش. ئۈستىدە تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزلەر بولسا تۆلەش، بالا - چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن رازىلىشىش. باشقىلاردىن ئېلىشى بولسا بالا - چاقىلىرىغا يېزىپ ۋە گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قالدۇرۇش، ۋەسىيەتلىرى بولسا قىلىۋېلىش."

ھاجىلارنىڭ ھەج قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى

مۇھەممەد  نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: "ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشنىڭ قائىدە - تەرتىپلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، ھەج قوللانمىسىدىن بىرنى پۈتۈن سەپىرى بويىچە ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش، بىلمىگەنلىرىنى بىلگەنلەردىن سوراپ ئۆگىنىش، پۈتۈن گۇناھلىرى ۋە خاتالىقلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىش، ھەرەمگە بېرىپ كەلگۈچىلىك بارلىق چىقىملار ئۈچۈن ھالال پۇل ئىشلىتىش. چۈنكى ھەج ۋە ئۆمرە سەپىرى باشتىن ‏- ئاخىر ئىبادەتتۇر. ئىبادەتكە ھالال مالدىن باشقىسى يارىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:" بىراۋ ھەج قىلىش ئۈچۈن ھالال مالدىن خەرج قىلىپ يولغا چىقىپ " لەببەيكەللاھۇممە لەببەيكە" يەنى (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئەمرىڭنى ئورۇنلاشقا ھازىرمەن)نى باشلىغىنىدا، ئاسماندىن بىر پەرىشتە نىدا قىلىپ ' خۇش كەلدىڭىز، بەختلىك بولدىڭىز، بۇ سەپەر ئۈچۈن ئاتىغانلىرىڭىز ھالالدىن، چىقىم قىلغانلىرىڭىز ھالالدىن، سىزنىڭ قىلغان ھەججىڭىز قوبۇل بولىدۇ' دەيدۇ. بىراۋ ھارامدىن تاپقان مالدىن خەرج قىلىپ يولغا چىقىپ ﴿لەببەيكەللاھۇممە لەببەيكە﴾ يەنى (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئەمرىڭنى ئورۇنلاشقا ھازىرمەن)نى باشلىغىنىدا، ئاسماندىن بىر پەرىشتە نىدا قىلىپ ' خۇش كەلمىدىڭ، بەختلىك بولمىدىڭ، تاپقانلىرىڭ ھارامدىن، بۇ يولغا چىقىم قىلغانلىرىڭ ھارامدىن، سېنىڭ قىلغان ھەججىڭ قوبۇل ئەمەسدەيدۇ."

تازىلىققا، پاكىزلىققا زور ئەھمىيەت بېرىش. ئۆمۈر ئىچىدە بىرلا قېتىم نەسىب بولىدىغان بۇ ئۇلۇغ سەپەرگە كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى كىيىپ چىقىش، كىيىم كونا بولسىمۇ يۇيۇپ پاكىز قىلىپ كىيىش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئۆزىگە ۋە كىيىملىرىگە چېچىپ تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: "ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پاكلىقنى ياقتۇرىدۇ. ئۇ پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ" دېگەن. ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىدە "ۆلۈما، تەقۋادار، ئەخلاقلىق كىشىلەر بىلەن ھەمسەپەر بولۇش. پاسىق، ئەخلاقسىز كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك ۋە باشقىلار."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.