مەسچىت ھەرەمدە 36 يىل مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇزاھىر
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.03.16
2009.03.16
شۇ زامانلاردا ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى مەسجىدى ھەرەمدىكى مۇدەررىسلەرنىڭ خېلى كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىگەن ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۆپ جاپا تارتقان خەلق بولغانلىقتىن ئىلىمنىڭ قەدرىنى باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك بىلىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇپىمۇ شۇنداق ئالىملاردىن بىرى ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇپى توغرۇلۇق مۇنداق دىدى:" ئابدۇزاھىر داموللا ھاجىم كۇچا شايارلىق بىر ئەھلى ئىلمىنىڭ بالىسى ئىكەن. بۇ ئادەم زامانىسىدا قەشقەرگە بېرىپ ئوقۇغان ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ تارىخى مۇنداق، بۇ كىشى 1902 - يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى دادىسى سۇفى ئاخۇنۇمدا ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە بېرىپ مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ، كېيىنچە قەشقەردىكى داڭلىق ئۆلىمالارنىڭ قولىدائىلىم تەھسىل قىلغان ئىكەن. ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇفى قەشقەردىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان يېرى شاھيارغا بېرىپ ناھىيىلىك چوڭ جامىنىڭ خەتىبلىقىغا ۋە مۇدەررىسلىكىگە تەيىنلىنىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. كېيىنچە ئابدۇزاھىر ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە ھەرەمگە چىقىپ كېتىش ئىستىكى پەيدا بولۇپ، ئائىلىسى بويىچە ھىجرەت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ئىكەن."ئەللامە ئابدۇزاھىر سۇفىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھاياتى
مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇزاھىر ھاجىم 1935 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن تارتىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلىگەن.ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ قولىدا يېىتىشپ چىققان ئەھلى ئىلىملەر كۆپ ئىكەن. مەسجىدى ھەرەمگە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ قىزىقارلىق بىلەن ئىشلەپ مەسجىدى ھەرەمدە 36 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭدىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا مۇھاجىر مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە زور ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىشتەك ئىشلاردا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكتىن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ چوڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كىشىدۇر.