4-ماي چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئېلان قىلىنغان « خىتايدىكى ئىجتىمائىي روھىي ھالەت ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاب»، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان، خەلقئاراغا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالىتى ھەققىدىكى ئاشكارا دوكلات.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن خەلقئاراغا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالىتىگە تەسىر قىلىۋاتقان بېسىملار ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن. كۆك تاشلىق كىتابتا نۆۋەتتە بارغانچە تېزلىشىۋاتقان تۇرمۇش رىتىمى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماسلىشىش، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، بۇلغىنىۋاتقان مۇھىت، تۇرالغۇ جاي، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «ئىجتىمائىي روھىي ھالىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رازى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنى، خىتاي پۇقرالىرى ھاياتتا مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئىشلار رەت تەرتىپى بويىچە،« خىتاي پۇقرالىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەش، شەخسى مەنپەئەتنى قوغلىشىش، خاتىرجەم ئائىلە مۇھىتىنى ئارزۇ قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىمتىياز قوغلىشىش، ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش، ئۆز قىممىتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بۆلىشىنى قوغلىشىش» قاتارلىق 9 نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالىتى ھەققىدىكى «كۆك تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆك تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي تور بەتلىرىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيگەن.
بۇ مۇنازىرىلەردە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئىجتىمائىي روھىي ھالەت ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە خىتايدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالىتىدە بىۋاسىتە ئىپادىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇچۇر-پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان تەلپۈنۈش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالەتكە ئېلىپ كېلىۋاتقان ناچار تەسىرلىرى ھەققىدە توختالمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالەت ھەققىدە ئېلان قىلغان بۇ «كۆك تاشلىق كىتاب»ئى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى، ئەي ۋېيۋېيغا ئوخشاش دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلغان پائالىيەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلگەن.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق شارائىتتا «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىجتىمائىي روھىي ھالىتى تۇراقلىقلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رازى ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى بۇ خىل دوكلاتنى تەييارلىشى، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇش، خەلقئاراغا خىتايدىكى ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنىڭ مۇقىملىقىنى، پۇقرالار روھىي ھالىتىدە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىدىن رازى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتايدا پۇقرالار نورمال ئىجتىمائىي روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز بايانىدا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي بېسىم ئىچىدە، تۆۋەن كەيپىياتتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ھەم ئىجتىمائىي بېسىملار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى زۇلمەت ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي روھىي ھالىتىنىڭ ئەڭ ناچار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00