ئالماتادا كوممۇنار تالىپ ئوغلىنىڭ 65 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2012.12.06
«مەركىزىي ئاسىيادىكى ئېتنىكا ۋە مەدەنىيەت» تېمىسىدىكى مەزكۇر خاتىرە يىغىنىدا مەرھۇمنىڭ قازاقىستان پەنىگە قوشقان تۆھپىسى، ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئۇنىڭغا قاتناشقان تارىخچى، تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، ئىقتىساتچى، پەيلاسوپ، ئالىملار مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەر، ئېتنىكلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى، ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە دوكلاتلار ئوقۇدى. يىغىندا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، تارىخىغا ھەم بۈگۈنكى ئەھۋالىغا دائىر قىزىقارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.
ئاتاپ ئېيتقاندا، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋانىڭ «قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەكىللىنىش تارىخى»، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ نامزاتى گۈلجاھان ھاجىئېۋانىڭ «تۈركىي مەملىكەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش جەريانلىرىنىڭ ئامىللىرى»، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى گۈزەل باھاۋدىنوۋانىڭ «21 - ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ش ئۇ ئا ر نىڭ راۋاجلىنىش مەسىلىلىرى ۋە كېلەچىكى»، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رەخمەتجان يۈسۈپوفنىڭ«19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى - 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئەدەبىياتىدا مىللىي - ئازادلىق كۈرەش ئىدېيىسى» ناملىق دوكلاتلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
مەلۇمكى، كاممۇنار تالىپوف قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن قازاقستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي خادىم، ئاندىن 1986 - يىلى پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ مۇدىرىنىڭ مۇئاۋىنى، شۇنداقلا بۆلۈم باشلىقى، كېيىنىرەك بولسا ئىنستىتۇت مۇدىرى لاۋازىملىرىنى ئاتقۇرغان. 1996 - يىلدىن باشلاپ تا 2007 - يىلغىچە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىپىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ك.تالىپوف ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا 1930 - ۋە 40 - يىللاردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى تارىخى ۋە شۇ دۆلەتلەردە خىزمەت قىلغان بىر قاتار ئەرباپلارنىڭ ھاياتى مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كېلەچەكتە مۇشۇ مەزمۇندا خەلقئارالىق ئەنجۇمانلارنى ئۇيۇشتۇرۇش قارارىنى ئالدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دىمىترىي مېن كاممۇنار تالىپوف ۋە ئەنجۇمان ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.