شۋېتسىيىدە داڭلىق مۇزىكانت كۈرەش كۈسەنگە ئاتاپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدى

شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئاۋاز ئارخىپى مۇزېيى بىلەن شۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ۋە تىياتىر مۇزېيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت كۈرەش كۈسەنگە ئاتاپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.05.31
bextigul-kosen-dan-lundberg.JPG شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئاۋاز ئارخىپى مۇزېيى باشلىقى، داڭلىق مۇزىكانت دان لۇندبەرگ، كۈرەش كۆسەننىڭ خانىمى بەختىگۈل ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتى. 2011-يىلى 28-ماي.
RFA/Erkin Tarim

5-ئاينىڭ 27-28-كۈنلىرى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا شۋېتسىيىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، مۇزېي مۇدىرلىرى، مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ دوستلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

يىغىندا كۈرەش كۈسەننىڭ ناخشىلىرى توپلىمى، يەنى ئىككى تىلدا چىققان CD پلاستىنكىسى بىلەن كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتاب تونۇشتۇرۇلغان.

ئىككى تىلدا نەشر قىلىنغان بۇ CD پلاستىنكىسىغا كۈرەش كۈسەننىڭ 10 ناخشىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنى شۋېتسىيە دۆلەتلىك ئاۋاز ئارخىپى مۇزېيى باشلىقى، داڭلىق مۇزىكانت دان لۇندبېرگ، CD لايىھىلىگۈچى ئاندېرس ھاممارلۇند، مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ناخشا-تېكىستلىرىنى شۋېتچىگە ۋە ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇچى مەشھۇر يىپەك يولى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى پاترىك ھالزون، داڭلىق فوتوگراف روگېر پېدېرسېن قاتارلىق كىشىلەر ئورتاقلىشىپ تەييارلىغان.

بۇ CD پلاستىنكىسى كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 5 يىللىق خاتىرىسىگە ئۈلگۈرتۈپ نەشر قىلىنغان بولۇپ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ئايالى بەختىگۈل خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.