ئۇيغۇر دېھقان: كىرىم ئۆرلىمىدى بىراق مال باھاسى ئۆرلەپ توختىمىدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بازار ئانالىزىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىيۇل كىرىشىدىن باشلاپ، ھەر خىل ئىستېمال بۇيۇملىرى، بولۇپمۇ كالا ۋە قوي گۆشىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى بىردەك يۇقىرى ئۆرلىمەكتە.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.08.04
Uyghur-boway-bazar-305 ﺑﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

رامزان كىرىشى بىلەن گۆش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ توختىماي ئۆرلىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» 3-ئاۋغۇست «ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى مۇقىم ئاشتى» دەپ خەۋەر بەردى، خەۋەردە: ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەندىن باشقا، كىرىمنىڭ ئېشىشى ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىشى مۇقىم ئاشتى، يۇقىرى باھا ئىستېمال بۇيۇملىرى بولغان ئۆي مۈلۈك، ئالتۇن كۈمۈش ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشىمۇ 20% ئارتۇق ئاشتى، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئەمما ئىستېمال سەۋىيىسى ئوخشىمايدىغان شەھەر يېزىلارنىڭ پەرقى، دېھقانلار بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىستېمال پەرقى ئايرىلمىغان.

ئەمما يەنە شۇ كۈندە شىنجاڭ مال باھاسى ئۇچۇرلىرى تورىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 8-ئاي كىرىشىدىكى يېمەكلىك ۋە تاۋار باھالىرى ئانالىز قىلىنغان. خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلى دېھقانلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە مېۋىلىرىنىڭ سېتىلىش بازار باھاسىنىڭ 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ پاختىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، دېھقانلارنى« قىش ئۈستىگە جۇدۇن بولغاندەك» يامان ئەھۋالغا قويۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئەلۋەك ۋاقتى باشلىنىشى بىلەن تاۋۇز، ئۈزۈم، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بىردەك تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن. بىراق، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تەييار يېمەك-ئىچمەك تۈرىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى 15% تىن 20% كېچە ئۆرلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كالا ۋە قوي گۆشى باھاسىنىڭ 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان تېز ئۆرلەپ، بىر كىلولۇق قوي گۆشىنىڭ پارچە سېتىش باھاسىنىڭ 48 يۈەندىن 55 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا «ئۈرۈمچى ئۇچۇر تورى» 26-ئىيۇل خەۋەر ئېلان قىلىپ، قوي گۆشى باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ كىلوسى 50 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، بىر قوينىڭ مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كېلىدىغانلىقى، بۇنىڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، كۆپ ساندىكى ئاممىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ قوي گۆشىنىڭ باھاسى كىلوسى 35 يۈەندىن ئاشقاندىن كېيىن كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

بىز مال باھالىرىنىڭ بولۇپمۇ، مۇسۇلمانلار ئىستېمال قىلىدىغان قوي گۆشى باھاسىنىڭ رامزان مەزگىلىدە تېز ئۆرلىشىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامزاندىكى كۈندىلىك ئىستېمال ھاياتىغا قانداق تەسىرلەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىش تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان قوي گۆشىنىڭ مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا تېز ئۆرلەپ كىلوسى 55 يۈەنگە چىققانلىقى، بۇنى كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ قوبۇل قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوخشاش ناھىيىدىكى بىر مائاشلىق كادىر بولسا مال باھاسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ بارغانچە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىقتىسادىي كىرىمى بىلەن ئىستېمال سەۋىيىسىدىن رازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

قوي گۆشى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ياش دېھقان بولسا، مائاشلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىمۇ مال باھاسىغا ماس ھالدا ئۆرلىگەچكە، مال باھالىرىنىڭ ئۆرلىشى ئۇلارغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمىگىنى بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش دېھقانلارغا ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرى مال باھا ئۇچۇرلىرىدا كۈندىلىك يېمەك ئىچمەك مال باھاسىنىڭ بولۇپمۇ قوي ۋە كالا گۆشى باھاسىنىڭ قاچان مۇقىملىشىدىغانلىقىنى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق. ھالبۇكى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بولۇپمۇ، رامزان مەزگىلىدىكى كۈندىلىك ئىستېمال ھاياتىغا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.