فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن ئابلىمىت: خىتاينىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش قەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ
2012.11.02
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى، مەلۇم بىر ئائىلىگە بارغاندا، پۇلنىڭ فرانسىيىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، مەزكۇر ئائىلىگە، «بۇلار يامان نىيەتلىك ئادەملەر، ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىلەرگە ياردەم قىلىش ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش» دېگەن. فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن ئابلىمىت بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.
سوئال: ئاڭلىساق، سىلەر فرانسىيىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردىكى 5-ئىيۇلدىن كېيىن،غايىب بولغانلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پۇل ياردەم قىلىپسىلەر، ئۇلارنىڭ سىلەرگە كۆپ مىننەتدارلىقى، سالىمى بار.
جاۋاب: كۆپ ئەمەس، ئازغىنە پۇل، ئەگەر شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئېھتىياجىغا ئەسقاتقان بولسا، ئەلۋەتتە خۇش بولىمىز.
سوئال: ئەۋەتكەن پۇلۇڭلارنى ھەممىسى تاپشۇرۇپ ئەپتۇ ۋە كۆپىنچىسى ھېچقانداق سوئال-سوراق ياكى ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىماپتۇ، پەقەت بىر ئائىلە ئاز-تولا سوئال-سوراققا دۇچ كەپتۇ، يەنى ساقچىلار، پۇلنىڭ فرانسىيىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، «بۇ پۇلنى ئەۋەتكەن ئادەملەر يامان نىيەتلىك ئادەملەر، ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىلەرگە ياردەم قىلىش ئەمەس، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش» دەپتۇ، بۇ گەپكە سىلەرنىڭ بېرىدىغان جاۋابىڭلار نېمە؟
جاۋاب: خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشقا ئۇرۇنمىساقمۇ پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، بىز پەقەت بۇ يەردە شۇ 5 -ئىيۇلدىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە ئازراق بولسىمۇ يېتىشنىلا مەقسەت قىلدۇق؛ چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزدا، 5-ئىيۇل كۈنى نامايىشقا قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن مەيدانغا چىققان ئەمەس،ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە غۇرۇرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا چىققان؛ شۇڭا شۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتنىشىپ تۇتۇلغان، كېسىلگەن، ئېتىلغان، غايىب بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراشنى مىللىي ۋە دىنىي بۇرچ دەپ قارايمىز، بىز شۇنىڭ ئۈچۈنلا، بۇ پۇلنى ئەۋەتتۇق.
سوئال: دېمەك بۇ پۇلنى ئەۋەتىشنىڭ خىتايغا قارشى تۇرماسلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېمەكچىمۇسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بىز خىتاي دۆلىتىگە قارشى، بۇ قارشىلىق، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى داۋاملاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. دېگىنىڭىزدەك پۇل ئەۋەتىشتە بىز پەقەت شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرت-ئەلىمىنىلا كۆزدە تۇتتۇق، ئۇلار ھېچ بولمىدى دېگەندە، ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى چۈشىنىدىغان ئادەملەر بارلىقىنى بىلسە، قەلبى ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپىدىغۇ دېگەن ئۈمىدتە بولدۇق.
سوئال: بۈگۈن ۋەتەندە غايىبلار، مەھبۇسلار، شېھىتلەر ئائىلىسى بولۇپ، مىڭلارچە ئائىلە بار، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ھەر خىل چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار ياكى ئېغىر ئەھۋالدا. سىزچە مۇشۇ خىل ياردەملەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى شۇ خىل قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتا قانچىلىك رول ئوينىيالايدۇ؟
جاۋاب: ئۇيغۇر مىللىتىدىكى ئومۇمى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى ياردەم ئارقىلىق تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇ پەقەت مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۆزگەرگەندىلا ھەل بولىدۇ، ئەمدى ئايرىم كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ۋەتەن، مىللەت يولىدا كۈرەش قىلغانلارنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، بولۇپمۇ خارلىنىپ قېلىشتىن ساقلاش تامامەن مۇمكىن؛ بۇنىڭ يولى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىنى ئادا قىلىش. بىز بىلىمىز ھەم ئىشىنىمىزكى، يىللاردىن بېرى خەلقىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقى، ئىنسانى، مىللىي، دىنىي بۇرچلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى خار قىلماي كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
مۇشۇ قۇربان ھېيتنىلا مىسالغا ئالساق، چەتئەلدىكى بىز تونۇيدىغان، بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەتەندىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە پۇل ئەۋەتتى، كۆپىنچىسى، يوشۇرۇن يوللار بىلەن ئەۋەتتى، ئۈن-تىنسىز ئەۋەتتى. ئىشىنىمىزكى، خىتاينىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يېتىم قالدۇرۇش، ئىقتىسادى جەھەتتىن خانىۋەيران قىلىۋېتىش قەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.