شەپقەتسىز نامراتلىق، ۋەيران قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (2)
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.12.25
2011.12.25
مەدەنىي مىراسلار بىباھا بايلىقتۇر. دامىكو يېزىسىدىن مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئوغۇرلاپ سېتىۋاتقان ئوغرىلار ھىچقاچان بۇ مىراسلارنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى بىلگەن ئەمەس. ئۇلارنى „ئالتۇننى كىسەكنىڭ ئورنىدا سېتىۋاتقان ئوغرىلار" دېيىش مۈمكىن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 21 - دېكابىر ئېلان قىلغان „دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكى" ناملىق ماقالىغا ئاساسلانغاندا، بۇنداق قانچە يۈز مىليون سوملۇق رەسىملەرنىڭ ئوغۇرلۇقچە قېزىش جەريانىدا بۇزۇۋېتىلگەن پارچىلىرى دامىكو رايۇنىدا ساينىڭ تېشىدەك چېچىلىپ ياتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر دامىكو رايۇنىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىرىدىن 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ، قانچە مىڭ پارچە تام رەسىملىرى، ساپال بۇيۇملار، مىس تەڭگىلەر ۋە توقۇلما بويۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىغا شاھىت بولغۇسى بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنى ھەقىقى قوغداشقا يەنىلا سەل قاراپ كەلمەكتە. ئوغرىلىقچە قېزىش، بۇزۇش داۋاملاشماقتا.
ماقالىغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايوننى قوغداشقا بەلگىلەڭەنلەرنىڭ ئايلىق مۇئاشى يىللاردىن بۇيان 100 يۈئەن بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر دىيارىدا 100 يۈئەڭە ھازىر ئاران 2 كىلو گۆش سېتىۋالغىلى بولىدۇ. خىتاي مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش ئىدارىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت ئىدارىلىرى بۇ رايوننى ئوغرىلاردىن قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغاندا، چىرا ناھىيىسى قوغدىغۇچىلارنىڭ مۇئاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكە قۇربىتى يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا كۆپ قېتىم مەلۇم قىلغان. ئەمما ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن. كۆلىمى 100 كۋادىرات كىلومېتر كېلىدىغان بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەر دۇنياسىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان مۇتەللىپ قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر خىزمەتچىنىڭ ھەتتا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانغا موتوتسىكىلىتى ياكى تۆگىسى بولمىغان. ئۇلار پىيادە يول يۈرۈشكە تايىنىپ قوغداش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.