پرېزىدېنت باراك ئوباما تۈركىيىدە قانداق ئىنكاسلار قوزغىدى؟

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان، باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ 44 - نۆۋەتلىك پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنى تۈركىيىدىكى پۈتۈن چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن تارقاتتى.

0:00 / 0:00

ۋاشىنگتوندىكى بۇ ھەيۋەتلىك مۇراسىمنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە ئوخشاشلا تۈركلەرمۇ دىققەت بىلەن كۆردى. ئوبامانىڭ خىزمەت تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان قەسىمى، پەقەتلا دېموكراتىيىنىڭ غەلىبىسىنى قۇتلۇقلىغان ئامېرىكىنىڭ ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا خەلقىغە ۋە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىلىرى تۈركىيىدىمۇ تەنتەنە پەيدا قىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئوبامادىن كۈتكەن ئۈمىدى

باراك ئوباما ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: " دۇنيانىڭ ئوبامادىن كۈتكەن ئۈمىدى ئىنتايىن زور. ھەددىدىن زىيادە زور. ئوبامانىڭ ئالدىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى مەسىلە دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىس. ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىمۇ تۇرۇپتۇ. مەن ئوبامانىڭ ئىگە ‏ - چاقىسىزلارغا ئىگە چىقىشىنى، ئاۋازى بوغۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇشىنى تىلەيمەن."

تۈرك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوباما ھەققىدىكى كۆز قارىشى

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسى، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن بىرى، شۇڭا ئامېرىكىدا قايسى پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە سىياسىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بۇش مەزگىلىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بەزى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. تۈركىيىدىكى ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى، باراك ھۈسەيىن ئوبامانىڭ پرېزىدېنت بولۇشىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى ئۆمەر تاشپىنار ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن ھەممىدىن ئاۋال شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئوبامانىڭ ئەتراپىدىكى سىياسەتچى ۋە تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرى، بۇشنىڭ يېنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە قارىغاندا تۈركىيەنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. تۈركىيە ئوباماغا پەقەتلا ئەرمەنى مەسىلىسى نوقتىئىنەزىرىدىنلا ئەمەس، تېخىمۇ ئەتراپلىق قارىشى كېرەك. تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىشىنى ئوباما ھۆكۈمىتى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. ئامېرىكىدا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كىلىنتون ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدىمۇ شۇنداق بولغان. كىلىنتون مەزگىلىدە تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالتۇن دەۋرىنى ياشىغان شۇڭا ئوبامامۇ تۈركىيە ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت."

تۈرك دېھقانلار ئامېرىكىنىڭ 44 - پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۈچۈن 44 قوي سويدى

ئامېرىكىدا بىر قارا تەنلىكنىڭ دېموكراتىيىلىك سايلام بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇشى تۈركىيىدە دېموكراتىيىنىڭ غالىبىيىتى بولۇپ قۇتلۇقلانماقتا. بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن ئامېرىكىدا ئاق تەنلىك تاماق يەيدىغان ئاشخانىدا تاماق يېيەلمەيدىغان، ئىرقىي كەمسىتىش تۈپەيلىدىن خورلانغان بىر مىللەتتىن بولغان باراك ئوبامانىڭ ھەددىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولغان ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقى، بولۇپمۇ ئوبامانىڭ دادىسىنىڭ كېنىيەلىك مۇسۇلمان بولۇشى مۇسۇلمان تۈرك خەلقىنى تېخىمۇ تەنتەنىگە چۆمدۈردى.

تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ۋان ۋىلايىتىنىڭ گۈلپىنار ناھىيىسى چاۋۇشتەپە يېزىسىدىكى دېھقانلار ئامېرىكىنىڭ 44 - پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تەختكە چىققانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 44 قوينى قۇربانلىق قىلىپ سويدى. پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلار، سۇناي چېلىپ ئۇسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلدى.

بۇ دېھقانلار قوللىرىغا "ئوباما سەن ھەقىقى بىر قەھرىمان، ئوباما ۋانلىقلار سېنى ياخشى كۆرىدۇ،" دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ن ت ۋ تېلېۋىزىيىسىدە بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ دېھقانلار ۋاننىڭ بىر كۆزى كۆك، بىر كۆزى قارا بولغان مەشھۇر مۈشۈكىدىن بىرنى ئوباماغا سوۋغات قىلىپ ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋېتىپتۇ.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ سۆيۈندى

ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقىغا پەقەت تۈركلەرلا ئەمەس، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ سۆيۈندى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باراك ئوبامانىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا مۇسۇلمان ئالەمى ئۈچۈن قىلغان سۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.