پاكىستاننىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كوزىر قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2011.05.17
پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى بۈگۈندىن باشلاپ خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر پاكىستاننىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كوزىر قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ يىل 21-ماي خىتاي-پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. مەلۇم بولۇشىچە، گىلانى بۇ نۆۋەت خىتايدا 4 كۈن زىيارەتتە بولىدىكەن ھەمدە بۇ جەرياندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۈ مۇنداق دېدى: خىتاي ۋە پاكىستان ئۆز-ئارا ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەردۇر. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.
تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ئۆزگىچە. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى خىتايغا قارىغاندا پاكىستانغا تېخىمۇ زۆرۈر ئىكەن.
پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانىنىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە داۋالغۇش پەيدا بولۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
2-ماي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىغا بېسىپ كېرىپ، ئوساما بىن لادېننى ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئاخباراتلاردا ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندا 7 يىلغا يېقىن ياشىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ۋەقەلەر ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى «بازا» يەنى ئەلقائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ۋە ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا پاكىستانغا 20 مىليارد دوللار ياردەم بەرگەن.
شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكىنى 2001-يىلىدىن باشلاپ ئۇرۇش پاتقىقىغا سۆرەپ كىرگەن «بازا» (ئەل قائىدە) تەشكىلاتىنىڭ داھىيسى ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندا تېپىلىشى، ئامېرىكا تەرەپنى بىئارام قىلغان.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشىقى ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى جون كەرىي بىر قىسىم ھەمراھلىرى بىلەن پاكىستاننى زىيارەت قىلدى ۋە پاكىستانغا بېرىلىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
جون كەرىي پاكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: مەن پاكىستانلىق دوستلىرىمىزغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىلەردىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېرىلىۋاتقان ياردەملەرگە نىسبەتەن قاتتىق سوئال قۇيۇشقا باشلىغانلىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلىدىم.
جون كەرىينىڭ پاكىستان زىيارىتىدىن دەل بىر كۈن كېيىن، يەنى سەيشەنبە كۈنى، پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.
ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلگەن بۇ زىيارەت ھەققىدە توختالغان ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، مۇنداق شارائىتتا پاكىستاننىڭ خىتايغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.
پاكىستان خىتاي قوراللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى ھەمدە خىتاينىڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىدىن بىرى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاننى قوللىشى پەقەت سودا مەنپەئىتىنىلا چىقىش قىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پاكىستاندا تەرەققىي قىلىشىنى تىزگىنلەشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئىكەن.
پاكىستان 2001-يىلىدىن بۇيان، پاكىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ۋە ئىسمائىل سەمەت قاتارلىقلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلغان ئىدى.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى خىتايغا يەنە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.