غازى ئوغلى پەرھات نامانوپ شەخسىي ۋە ئائىلە تارىخىي ھەققىدە توختالدى

بىز ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن دەۋالىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مۇخبىرىمىز بۈگۈن پەرھات نامانوپنى قايتا زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.03
perhat-namanop-305.jpg بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپ. 2012-يىلى 26-سېنتەبىر.
RFA/Shohret Hoshur

پەرھات نامانوپ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تارىخىي ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. مەلۇم بولۇشىچە، پەرھات نامانوپ ‏1944-يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۇرۇشتا ئىككى قېتىم يارىلانغان، غازى ئەبەيدۇللا نامانوپنىڭ پەرزەنتى. ئۇ ئۆزى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ تىجارەتكە ئاتلانغان.

خىتاي دۆلىتى تەرەققىيات جەھەتتە تېخى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىش سەۋىيىسىگە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئوخشاش مەسىلىلەر ئوخشىمىغان پوزىتسىيىگە دۇچ كەلمەكتە. جۈملىدىن مەسىلىنى ئاخبارات ساھەسىگە ئېلىپ چىقىش، بەزى چاغلاردا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دەپ قارىلىپ ئېغىز جازالانسا، بەزى چاغلاردا ئاممىنىڭ ئىنكاسى دەپ قارىلىپ مەسىلىگە جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇلماقتا. شۇڭا بىز بۈگۈن پەرھات نامانوپقا تېلېفون قىلىپ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق: مەلۇم بولۇشىچە، پەرھات نامانوپ مەسىلىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىگە ئېلىنغان. دەسلەپكى ئۈچ كۈندە ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئۇنىڭغا تەربىيە بەرگەن. پەرھات نامانوپ بولسا، ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان زىياننىڭ كىچىك بىر زىيان ئەمەسلىكىنى، بۇ زىياندىن قوغدىنىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق تەدبىرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ۋە پۇقراۋىي ھەققى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى پەرھات نامانوپنىڭ داۋاسىغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بېرىلىدىغان قارار ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن. دائىرىلەرنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى «ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ زېرىكتۈرۈش» دەپ چۈشەنگەن پەرھات نامانوپ، دائىرىلەردىن مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىز بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ نامانوپ دېگەن فامىلىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئائىلە تارىخى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1944-يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا قاتناشقان غازى ئەبەيدۇللا نامانوپنىڭ پەرزەنتى. ئەبەيدۇللا نامانوپ 1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان. مىللىي ئارمىيىدە دەسلەپتە ئىمام، كېيىنكى مەزگىلدە سىياسىي كومىسسار بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ مەشھۇر شىخۇ ئۇرۇشىدا ئىككى قېتىم يارىلانغان. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، ئۇ دەسلەپتە، تېكەستىكى خىتاي قوراللىق قىسمىدا، كېيىن تۇرپان، توقسۇندىكى خىتاي قوراللىق قىسمىدا قىسىم باشلىقى يەنى بۇجاڭ بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئەبەيدۇللا نامانوپ ئائىلە سۆھبەتلىرىدە، مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناستا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە كۆپ قېتىم ھەسرەتلىك تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن.

پەرھات نامانوپ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسىدىكى خىزمىتىدىن 2001-يىلى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى؛ ئەمما ئۇ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.