پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن 27 ‏ - ئاۋغۇست قىزىل بۇيا ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات

ۋەقە تۈنۈگۈن يەنى 27 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 5 تە پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدىكى بىر قوناقلىقتا يۈز بەرگەن. ساقچىلار ئانارگۈل مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر گۇماندارنى ئىزدەپ قوناقلىقنى قورشاۋغا ئالغان ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش جەريانىدا ساقچىلار بىر گۇرۇپ كىشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ساقچى: " قولىدىكى پىچاقتىكى قان يۇقۇنى كۆرۈپ قاچتىم ..."

ھۇجۇمچىلار پىچاق بىلەن 2 ساقچىنى ئۆلتۈرگەن، 4 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، قالغان ساقچىلار قېچىپ كەتكەن. ئەنە شۇ نەقمەيداندىن قاچقان ساقچىلاردىن بىرى ۋەقەنى تۆۋەندىكىدەك تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

ئەسلىدە بۇ كۈنكى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى، 12 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامان يار يېزىسىدا يۈز بەرگەن دېلونى پاش قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.

پەيزىۋات ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 12 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى يامان يار ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 نەپەر ئامانلىق خادىمى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى يامان يارغا قوشنا بولغان پەيزىۋاتنىڭ مىشا ۋە قىزىل بۇيا يېزىسىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان.

پەيزىۋات ساقچى ئىدارىسى ئالدى بىلەن ناھىيىدىكى تالىپ ياشلارنى تىزىملىغان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇراقسىز ياشاۋاتقان يەنى پەيزىۋات سىرتىدىكى جايلارغا بېرىپ كېلىپ تۇرىۋاتقان تالىپ ياشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئابدۇرېيىم ئەھەت قاتارلىق يەتتە كىشى ئارىسىدا تەشكىلىي ئالاقە بارلىقىنى بايقىغان ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇسلىرى تىزىملانغان جايدا يوقلۇقىنى بايقىغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ يەتتە كىشىنى يامان يار ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى قىلىپ بېكىتكەن ۋە ئۇلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان گۇماندارلار: ئابدۇرېيىم ئەھەت، قېيىم باۋۇدۇن، ئىمام ھەسەن، ھەسەن ھوشۇر ۋە ئابدۇسالام سۇلتان قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭى 36 ياش، كىچىكى 24 ياش ئىكەن.

ساقچى باشلىغى: " ھۇجۇمچىلار قېچىپ كەتتى، داۋاملىق ئىزدەۋاتىمىز"

ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە بۇ يەتتە كىشىلىك گۇرۇپپىنى مىشا يېزىسىدىكى ئانارگۈل مۇتەللىپ ئىسىملىك قىزنىڭ يوشۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان. ساقچىلار ئانارگۈلنى ئىزدەپ مىشا يېزىسىغا بارغان ۋە ئانىسى ئامانگۇلدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن.

ئانارگۈلنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىغا توي قىلىپ كەتكىنىنى ئۇققان ساقچىلار، قىزىل بۇيا يېزىسىغا بارغاندا ئۇنىڭ چۆپ ئورۇش ئۈچۈن قوناقلىق ئېتىزىغا كەتكەنلىكىنى ئۇققان. بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن قوناقلىقتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن.

پەيزىۋات ساقچى ئىدارىسى قوناقلىقتا ۋەقە گۇماندارلىرىنى ئەمەس، پەقەت گۇماندارلارغا ياردەم قىلدى دەپ پەرەز قىلغان ئانارگۈلنى ئىزدىمەكچى بولغىنى ئۈچۈن قورالسىز ساقچىلارنى ئەۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن قوراللىق قىسىم ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسىمۇ گۇماندارلارنى تۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن.

قىزىل بۇيا ساقچى پونكىتىدىكى بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پونكىتتا 21 ساقچى بولۇپ، ئۇلاردىن 20 سى ئۇيغۇر بىر نەپىرى خىتاي، ئۇلاردا پەقەت ئىككىلا قورال بار ئىكەن.

يەرلىك ئاھالە: " ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى"

پەيزىۋات ساقچى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ساقچى، ئەسكەر بولۇپ 500 كىشى جىددىي ھەرىكەتتە، ئۇلار پەيزىۋاتنىڭ قىزىل بۇيا ۋە مىشا يېزىسىدىكى ئېتىز - ئېرىق ۋە ئۆي - ماكانلارنى جىددىي ئاختۇرماقتا.

ساقچى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيزىۋاتتا ئىككى ھەپتىدىن بېرى "گىلەم تازىلاش" نامىدىكى ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئاختۇرۇشتىن ھازىرغا قەدەر ئەمەلىي نەتىجە چىقمىغان.

نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى يامان يار ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى تۇتۇشتا، خەلقنىڭ ساقچىلارغا ماسلىشىپ بەرمەيۋاتقانلىقىدىن، ئەكسىچە گۇماندارلارنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.

پەيزىۋات ئاھالىسى بۇ ۋەقەلەرنى پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىمنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلماقتا.